تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ھەربىر ئادەم ھەر كۈنى 80 يۈەن — ئۈرۈمچى تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىدىكى تاماق يەتكۈزۈش مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دۇۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تالقىن): 7-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 12-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تېببىي كۆزىتىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئ‍‍ۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھ‍‍ەر ق‍‍ايسى ئ‍‍ايرىش ن‍‍ۇقتىلىرى تۈرلۈك مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى پ‍‍ۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، كۈندىلىك سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش، ياتاقلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىش ۋە تازىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ تۇرمۇش كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئ‍‍ۈزلۈكسىز ياخشىلىغان. بۈگۈندىن باشلاپ، تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىدىكى تاماق يەتكۈزۈش مۇلازىمەت ئۆلچىمى ھەربىر ئادەم ھەر كۈنى 50 يۈەندىن ھەربىر ئادەم ھەر كۈنى 80 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى