تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر بار بولغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ئازلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ خەۋىرى، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن فوتوسى): 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 12-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاڭ يۈلەن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى: 7-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 0 دىن 24 كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى دوكلات قىلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 89 (بۇنىڭ ئىچىدىكى 43 ئاغرىق مىسالى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن)، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 15. 7-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 24 كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 320؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 130.

  شاڭ يۈلەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېسەل قوزغاتقۇچىنىڭ يۇقۇش جەريانىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، يوشۇرۇن مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بىر قىسىم يۇقۇملانغۇچىلاردا ئارقا-ئارقىدىن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلدى ياكى CT تەكشۈرۈشىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسۋىر ئىپادىسى كۆرۈلۈپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەردى، «شۇڭا، بۈگۈن دوكلات قىلىنغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ئىچىدە، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگىرىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، 43كە يەتتى؛ ھازىر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ئازلىدى.» دېدى شاڭ يۈلەن.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، 7-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 24 كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 162سى بار ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى