تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېببىي كۆزىتىش كىمگە قارىتىلغان؟ نېمە ئۈچۈن؟ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى

    تىيانشان تورى خەۋىرى(گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ(بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا 9121 ئادەم تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. يېقىندىن بۇيان ھەركۈنى تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلارنىڭ سانىدا ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش بولماقتا، 7-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 17:00دە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي «تېببىي كۆزىتىش»تە كۆزدە تۇتۇلىدىغان كىشىلەر توپى ۋە مەقسەتنى چۈشىنىشلىك ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. 

    جاڭ ۋېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى»دا: «يۇقۇملۇق كېسەل ئاغرىقلىرى» ۋە «گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل ئاغرىقلىرى» بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار بەلگىلەنگەن ئورۇندا تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىشى ياكى باشقا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.

   جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «يېقىنقى مەزگىلدە، پۈتۈن شەھەر بويىچە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ چىقىلدى. تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى تېببىي كۆزىتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، بۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ يۇقۇملىنىشىنى ۋە يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇشتىكى بىر ھالقىلىق تەدبىر بولۇپ، ھەم ئەتراپتىكى كىشىلەرنى قوغدىغىلى، ھەم يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلگىلى ۋە قوغدىغىلى بولىدۇ».

    تېببىي كۆزىتىش دېگىنىمىز ئىلگىرى يۇقۇملۇق كېسەل ئاغرىقلىرى ياكى گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل ئاغرىقلىرى بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقان كىشىلەر(يېقىندىن ئۇچراشقۇچى)گە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئەڭ ئۇزۇن يوشۇرۇن مەزگىلى بويىچە ئايرىۋېتىش تەدبىرى قوللىنىش بولۇپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزىتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالسا، بىرىنچى ۋاقىتتا ئايرىپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بۇ كىشىلەرنى بالدۇر دىياگنوز قويۇپ داۋالاش ۋە قۇتقۇزۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ، يەنە كېسەللىك مەنبەسىنىڭ ساغلام كىشىلەر توپىغا تارقىلىشىنى ئازايتقىلى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، بۇ ئالاقىدار كىشى ۋە باشقا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسىگە پايدىلىق.

    يۇقۇم مەزگىلىدە تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلغانلار ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ياكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى بولۇشى ناتايىن، ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ياكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىغا ئايلىنىپ قېلىشىمۇ ناتايىن، پەقەت ئۇلار ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرى، گۇمانىي ئاغرىق مىساللىرى ياكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن ئۇچراشقان بولغاچقا، يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بار.

     جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «تېببىي كۆزىتىش مەزگىلىدە، تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلغۇچىلار باشقۇرۇشقا بويسۇنۇپ، ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىنى ياخشى تەڭشەپ، ئۇيقۇسىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆز سالامەتلىكىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى، سالامەتلىكىدە بىنۇرماللىق كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، ۋاقتىدا داۋالىنىشى كېرەك؛ تېببىي كۆزىتىش مەزگىلى توشقاندا، ئەگەر بىنورمال ئەھۋال كۆرۈلمىسە، تېببىي كۆزىتىش ۋاقتىدا بىكار قىلىنىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى