تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان تۆت ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز چاۋ جىن، يۈەن لېي): گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش-قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، 7-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان تۆت نەپەر ئاغرىق دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنى ئايرىۋېتىشنى بىكار قىلىش ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.

    ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لۇ چېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى ئىچىدە يېنىك تىپتىكىدىن بىرى، ئادەتتىكى تىپتىكىدىن ئۈچى بار. دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن، يۇقارقى ئاغرىق مىساللىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە داۋالاش ئەترىتىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇشى-داۋالىشى، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى ئارقىسىدا داۋاملىق ياخشىلاندى، ئۇدا ئىككى قېتىم ۋە كۆپ قېتىم نەپەس يولى كېسەللىك مەنبەسىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە نەتىجىسى مەنپىي چىقتى، تۈرلۈك خىمىيەلىك تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچلىرى، ئۆپكە قىسمى رېنتىگىنى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال بولۇپ، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش لايىھەسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان 7-نۇسخىدىكى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى)دىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنى ئايرىۋېتىشنى بىكار قىلىش ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى