ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ليۇ ۋېي خەۋىرى): يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان كۆپچىلىك ئۆيىدە ئىسپىرت قاتارلىق خىمىيەلىك دېزىنفېكسىيە دورىلىرىنى ئىشلىتىپ دائىم ئۇچرىشىدىغان نەرسىلەرنىڭ سىرتقى يۈزى ۋە كىيىم-كېچەك، ئاياغلارغا پۈركىدى، لېكىن دېزىنفېكسىيە دورىلىرىنى چېچىش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىغاندا، كۆزىمىزگە زىيان يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى جىڭ ئەسكەرتىش بەردى.
لى جىڭ مۇنداق ئەسكەرتتى، ئىسپىرت نۆۋەتتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان خىمىيەلىك دېزىنفېكسىيە دورىلىرىنىڭ بىرى، ئىسپىرت تۈرىدىكى ياسالما دورىلارنى ئىشلەتكەندە ئىمكانقەدەر سۈرتۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، چوڭ كۆلەمدە پۈركۈشتىن ساقلىنىش كېرەك، ئائىلىدە ئىسپىرت زاپىسى 500 مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، كۈن نۇرىدىن ساقلىنىپ سالقىن جايغا قويۇپ، ئوت مەنبەسى ۋە كىچىك بالىلار تېگىشىدىغان جايدىن يىراق جايغا قويۇش كېرەك. ئەگەر ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىسا كۆز كۆيۈپ يارىلىنىدۇ، كۆز ئاغرىش، نۇردىن قورقۇش، ياشاڭغىراش، كۆز قاپىقى تارتىشىش، كۆيۈش سېزىمى، غەيرىي ماددا سېزىمى قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلايدۇ.
ئىسپىرت كۆزگە كىرىپ كەتسە، ھەرگىزمۇ كۆزنى ئۇۋۇلىماسلىق كېرەك، ۋاقتىدا يېقىن ئەتراپتا كۆپ مىقداردىكى پاكىز ئېقىن سۇدا ئۈزۈلدۈرمەي بىرىكتۈرگۈچى پەردە خالتىسىنى 60 ~ 30 مىنۇت يۇيۇش كېرەك، يۇغاندا كۆز قارىچۇقىنى ئايلاندۇرۇش كېرەك، داۋالاشتا ئانتىبىئوتىك دورىلارنى كۆزگە تېمىتىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالسا بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا دەرھال كۆز بۆلۈمىگە بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.
«پېروكسى ئاتسېتىك كىسلاتا، خىلورلۇق دېزىنفېكسىيە دورىسى قاتارلىق خىمىيەلىك دېزىنفېكسىيە دورىلىرىمۇ ھاۋا، جىسىم ۋە يەر يۈزىنى دېزىنفېكسىيە قىلىشتا كەڭ ئىشلىتىلىدۇ» لى جىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاجىز كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەن، ئەگەر بۇ خىل قويۇقلۇق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان خىمىيەلىك دېزىنفېكسىيە دورىلىرى ئېھتىياتسىزلىقتىن كۆزگە كىرىپ كەتسە، مۈڭگۈز پەردە، بىرىكتۈرگۈچى پەردە توقۇلمىلىرىنىڭ كۆيۈپ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن، كۆز قىزىرىش، كۆز ئاغرىش، نۇردىن قورقۇش، كۆز ياشاڭغىراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن كۆزگە كىرىپ كەتسە، دەرھال يېقىن ئەتراپتا كۆپ مىقداردىكى ئېقىن سۇ بىلەن بىرىكتۈرگۈچى پەردە خالتىسىنى يۇيۇش، ئېغىر دەرىجىدىكى مۈڭگۈز پەردە زەخىملەنگەنلىكتىن كۆرۈش قۇۋۋىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتكەنلەر بولسا، دەرھال كۆز بۆلۈمىگە بېرىپ داۋالىتىش كېرەك ئىكەن.
لى جىڭ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: كىسلاتالىق خىمىيەلىك دېزىنفېكسىيە دورىسىنى ئىشلەتكەندە سېتىۋېلىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش، ئېھتىياجلىق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇقلۇقىنى توغرا تەڭشەش، ئۆي ئىچىدە دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن كېيىن دېرىزىنى ۋاقتىدا ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، مەشغۇلات قىلغۇچىلار پەلەي، ماسكا، كۆز قوغداش ئەينىكى تاقاپ، ئۆز مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.