تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن | يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدە چاقناۋاتقان پىدائىيلار

7-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ياش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى شىمىگو رايونى جېنئەن كوچىسى شەنرۇن مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەرگە زاكاز قىلىنغان تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

7-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى كۇەنبېي كوچىسى مەھەللىسىدىكى پىدائىي ئەخمەت ئەلى ئاھالىلەرگە كۆكتات يەتكۈزۈپ بولغاندا، چېچى ۋە كۆز ئاسراش ئەينىكى چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمگەنىدى.(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى)

7-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمگو رايونى شىنمىن يولى كوچا باشقارمىسى يىنخې مەھەللىسىدىكى پىدائىي ليۇ پىڭ(سولدا) ئوغلى بىلەن بىللە ئاھالىلەرگە كۆكتات يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)
7-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى يىڭبىڭ يولى لۇجىن جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدا ئاھالىلەرنىڭ توك كارتىسىغا پۇل قاچىلاپ بەرمەكتە.(لېي رۈنفەن فوتوسى)
7-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تودۇڭخابا رايونى) گاڭچېڭ تەۋەلىك رايونى كېپېڭ يولى شىمالىي مەھەللىسىدىكى پىدائىي چۇ جۈن ئاھالىلەرگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلماقتا.(دۇ يۈجېن فوتوسى)
 
7-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى سۈيچۇەن يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىغا كاپالەتلىك قىلىش نۇقتىسىدا، پىدائىي ما چياڭ ئاھالىلەرگە كۆكتات تەييارلىماقتا.(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

7-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يەنئەن يولى تەۋەلىك رايونى جۇڭۋەن كوچىسى جەنۇبىي مەھەللىسى جىنكۇن ئولتۇراق رايونىدا، داشۆسېڭ پىدائىي سۇ شۈن(سولدا) سەپداشلىرى بىلەن بىللە ئاھالىلەرگە قوغۇن ئەكىرىپ بەرمەكتە.(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى)

        شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى:(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ چۈنخۇا)يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىس-تۈتەكسىز جېڭىدە، ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلىدى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئۆز خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلىدى، يەنە پىدائىيلار مىننەتسىز ئەجىر قىلدى.

  بۇ، تەر تامچىلىرىدىن پۈتكەن بىر بۆلەك يول، شۇنداقلا مۇھەببەت ۋە ئۈمىد چېچىلغان يول. ئۇلار ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى سەۋرچانلىق بىلەن تەپسىلىي خاتىرىلەپ، نەچچە ئون مىڭ قەدەم تاشلاپ، ئاھالىلەرگە كېرەكلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بەردى؛ ئۇلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى زېرىكمەي-تېرىكمەي تەشۋىق قىلدى. ھاردىم-تالدىم دېمەي تازىلىق قىلدى، دېزېنفېكسىيە قىلدى، ئورۇندۇققا يۆلىنپلا ئۇخلاپ قالىدىغان كۆرۈنۈشلىرى كىشىنى تەسىرلەندۈردى؛ پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش قىزىق لىنىيەسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە، ئۇلار ئاغرىقنىڭ ئائىلە ئەزالىرى، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ غەم -ئەندىشىسىگە قۇلاق سېلىپ، كەسپىي بىلىمى ۋە باھار شامىلىدەك ئىللىق، سىلىق-سىپايە سۆزلىرى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى قارا بۇلۇتنى تاراتتى...

    ئۇلارنىڭ ئورتاق بىر ئىسمى بار —— پىدائىي.  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى