تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

7-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

  تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 7-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 0دىن 7-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دوكلات قىلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 89 (بۇنىڭ ئىچىدە 43 ئاغرىق مىسالى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن)، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 15، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە. شۇ كۈنى، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئالتىسى دوختۇرخانىدىن چىقتى، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە.

  7-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 322سى (خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىق مىسالى ئۈچ، ئېغىر ئاغرىق مىسالى 17) بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 320، قەشقەر ۋىلايىتىدە بىر(ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى)، بىڭتۇەندە بىر؛ ھازىر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 133ى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 130، بىڭتۇەندە بىر، سانجى ئوبلاستىدا ئىككى (ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كىرگەن)؛ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى ئالتە. 9121 ئادەم تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل