تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 210 مىڭ پىدائىي يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 210 مىڭ پىدائىي «مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزۈش» يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىيلار ھەرىكىتىگە ئاتلىنىپ، 3 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىم پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى جوۋ يۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: ئۈرۈمچى شەھىرى پىدائىيلارنى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمى، تەرتىپىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، ياشلار، ئورگان كادىرلىرى قاتارلىق پىدائىيلار كۈچىنى پائال سەپەرۋەر قىلىپ، خەلققە قولاي مۇلازىمەت، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتى قاتارلىق توققۇز چوڭ تۈردىكى 2000دىن ئارتۇق پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، تۆت دەرىجىلىك يېتەكچىلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، بۆلەكلەر بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىيلار مۇلازىمەت تورىنى بەرپا قىلدى.

ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھىرى كەڭ پىدائىيلارنى تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى، مەسىلەن، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، خەلق تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىدىغان ئىشلارنى ۋاكالىتەن بېجىرىش، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى، ئايروپورت، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ۋوگزالى قاتارلىقلاردا تەرتىپنى قوغداش، سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تىزىملاش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى. «ئىللىقلىق ھەمراھ، مېھىر - مۇھەببەت توردا» يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە پىسخىكىلىق مەدەت بېرىش پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، 600 نەپەر كەسپىي مەسلىھەتچىنى تەشكىللەپ، پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش قىزىق لىنىيەسىدىن 12نى ئېچىپ، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلار، ئاغرىقلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ئاممىنى ھەقسىز پۈتۈن كۈنلۈك پىسخىكىلىق مەدەت بېرىش تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ھازىرغا قەدەر، پىدائىيلار قىزىق لىنىيەلىك تېلېفون ۋە ۋىيشىن مۇلازىمىتى ئارقىلىق 77 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق پىسخىكىلىق مەسلىھەت بەردى، تور ئاممىۋى مەنپەئەت دەرسخانىسى، پىسخىكىلىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سىنى، پىسخىكىلىق سوئال - جاۋاب قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق مەسلىھەت سورىغۇچىلارنى 10 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپى ۋە پىدائىيلار ئىش ئورنى ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھىرى تۈركۈمگە بۆلۈپ پىدائىيلارنى ماسكا، پەلەي، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، بىر قېتىملىق مۇداپىئە كىيىمى، كۆز قوغداش ئەينىكى، ئاياغ قاپلىمىسى قاتارلىق مۇداپىئە بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى سەپلەشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پىدائىيلارنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى