تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىنىڭ مۇلازىمەت كاپالىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارغا قارىتا مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش ئېلىپ بېرىلدى. 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈرۈمچى شەھىرى ئالاقىدار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپى بويىچە، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىنىڭ تېببىي كۆزىتىش، تۇرمۇش كاپالىتى، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش قاتارلىق تۈرلۈك مۇلازىمەت خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى.

جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرى تېببىي كۆزىتىشكە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى بىرىنچى ۋاقىتتا مەخسۇس ئادەم، مەخسۇس ئاپتوموبىل بىلەن «يۈزتۇرا» ئۆتكۈزۈپ بەردى - ئۆتكۈزۈۋالدى، «نۇقتىدىن نۇقتىغا» يۆتكەپ توشۇدى، بىر ئادەمنى بىر ياتاقتا تۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردى (بالىلار، ئاغرىقلار قاتارلىق ھەقىقەتەن ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئېھتىياجلىق كىشىلەر بۇنىڭ سىرتىدا)، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى، سالامەتلىك ئەھۋالىدا نورمالسىزلىق بايقالغانلىرىنى دەرھال يۆتكەپ دىياگنوز قويدى.

مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىدىكى بارلىق ئۆيلەرگە ئاساسىي تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى سەپلەندى، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تاماق يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەندى ھەم باشقا كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارغا ۋاقتىدا دورا يەتكۈزۈپ بېرىلدى، جىددىي كېسەللىك كۆرۈلگەنلەر مەخسۇس ئاپتوموبىل بىلەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ دىياگنوز قويدۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تور ۋە تور سىرتى شەكلى قوللىنىلىپ، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلارغا پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ پىسخىكىلىق بېسىمى يېنىكلىتىلدى، كەيپىياتى تۇراقلاشتۇرۇلدى، ئىشەنچى كۈچەيتىلدى.

گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىدا خىزمەتچى خادىملاردىن سىرت، باشقا خادىملارنىڭ كىرىپ چىقىشى قاتتىق چەكلەندى. پاكىز رايون، يېرىم بۇلغىنىش رايونى ۋە بۇلغىنىش رايونى مۇۋاپىق تەسىس قىلىنىپ، مۇھىت تازىلىقىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ھەربىر ئۆينىڭ مۇستەقىل ھاۋا ئالمىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى، تېببىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆلچىمى بويىچە ئەسلىھەلەر سەپلەندى، دېزىنفېكسىيە قىلىندى، داۋالاش تاشلاندۇقلىرى ۋاقتىدا تازىلاندى، يۆتكەلدى.

ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان جىددىي داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتى مەسىلىسىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى جاڭ رۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى «تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىش، نۇقتىلىق بىرىنچى سەپكە كاپالەتلىك قىلىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش» تەلىپى بويىچە، داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئاچقۇچى قىلىپ، تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئورۇنلاشتۇرۇش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مېخانىزمى، سىرتتىن سېتىۋېلىش بىلەن ئىچكى جەھەتتە ئىشلەپچىقىرىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇزاق مۇددەتلىك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى، قاتتىق سۈپەت باشقۇرۇش - تىزگىنلەش مېخانىزمىنى ئورناتتى، نۆۋەتتە تۈرلۈك داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ھازىرقى ئامبار زاپىسى تولۇق بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سائەت نۆلدىن سائەت 24كىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 41ى (بۇنىڭ ئىچىدە 15ى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن) يېڭىدىن كۆپەيگەن، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 38ى (ئۈرۈمچى شەھىرىدە 37سى، بىڭتۇەن 12 - شىسىدا بىرى) يېڭىدىن كۆپەيگەن. 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سائەت 24كىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 178، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 170.

نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان ئەۋرىشكىلەرنى قايتا تەكشۈرۈش سۈرئىتىنىڭ تېزلىتىلىشى ۋە دىياگنوز قويۇش ئۈنۈمىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن دوكلات قىلىنغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى سانى بىرقەدەر كۆپ بولدى، ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى