تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى: كەسپىي كۈچلەر كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز سۈن فاڭتىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 18:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 11-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېن گوشىن مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئالاقىدار تارماقلار كەسپىي كۈچلەرنى تېزدىن تەشكىللەپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى زىيارەت قىلىپ، نۇقتىلىق رايونلاردا ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقانلارنىڭ پائال ماسلىشىپ، پائالىيەت دائىرىسىنى ئەينەن دوكلات قىلىشى بىزنىڭ ۋىرۇس مەنبەسىنى تېپىپ، تارقىلىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلىشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم».

  تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ئۇل خاراكتېرلىك، مەنبە خاراكتېرلىك خىزمەت، شۇنداقلا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلبە قىلىشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى ھېسابلىنىدۇ. تارقىلىشچان كېسەللىك تەكشۈرۈش خادىملىرى تەكشۈرۈلىدىغان ئۇبيېكىت بىلەن يۈزتۇرا ئۇچرىشىش ياكى تېلېفوندا ئەھۋال ئىگىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ، يۇقۇملانغۇچىلاردىن كېسەللىك قوزغىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئاشكارىلىنىش ئەھۋالى، ئۇچرىشىش ئەھۋالى ۋە پائالىيەت دائىرىسى، داۋالىنىش ئەھۋالىنى سوراپ ۋە ئەھۋال ئىگىلەپ، يۇقۇش مەنبەسى ۋە تارقىلىش يولى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچىنى ئىزدەيدۇ. تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ مەنبەسىنى ئىگىلەپ، تارقىلىش يولىنى تازىلاپ، كېسەللىك ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېقىندىن ئۇچراشقانلارنى ئىز قوغلاپ تېپىپ ۋە بېكىتىپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرگەن ئۇچۇرلارنى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى، تەجرىبىخانىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تەھلىل قىلىپ تەكشۈرۈپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى بىر تەرەپ قىلىشنى مۇناسىۋەتلىك ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى