تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن يۈزبەرگەن يۇقۇمدا ئالتە نەپەر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

     تىيانشان تورى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى چاۋ جىن، يۈەن لېي): 7-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمدا ئالتە نەپەر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش-قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرلىكتە دىياگنوز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنى ئايرىۋېتىشنى بىكار قىلىش ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى. بۇ، بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا تۇنجى تۈركۈمدە دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقلار.

    ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى لۇ چېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئالتە نەپەر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش-قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلدى، داۋالاش-قۇتقۇزۇش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلار قەتئىي ھالدا دۆلەتنىڭ 7-نۇسخىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش لايىھەسى بويىچە بىرخىللاشتۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى تەڭ قوللىنىپ ئۇنىۋېرسال داۋالاپ، ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. يۇقارقى ئاغرىق مىساللىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە داۋالاش ئەترىتىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇشى-داۋالىشى، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى ئارقىسىدا داۋاملىق ياخشىلاندى، ئۇدا ئىككى قېتىم ۋە كۆپ قېتىم نەپەس يولى كېسەللىك مەنبەسىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە نەتىجىسى مەنپىي چىقتى، تۈرلۈك خىمىيەلىك تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچلىرى، ئۆپكە قىسمى رېنتىگىنى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال بولدى.

    ئالتە نەپەر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش-قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆزىتىشى ئارقىلىق باھالاندى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش لايىھەسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان 7-نۇسخىدىكى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى)دىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنى ئايرىۋېتىشنى بىكار قىلىش ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ