تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

مۇسبەت بېسىمدا نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمەت پونكىتى ئۈرۈمچى خەلقئارا دوختۇرخانىسىدا ئىش ئورنىغا چىقتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى): جۇڭگو قىزىل كىرسىت فوندى جەمئىيىتى شىنجاڭغا ئىئانە قىلغان مۇسبەت بېسىمدا نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمەت پونكىتى ئۈرۈمچى خەلقئارا دوختۇرخانىسىدا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى.

  7-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇسبەت بېسىمدا نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمەت پونكىتى بېيجىڭدىن ئۈرۈمچى خەلقئارا دوختۇرخانىسىغا توشۇپ كېلىندى، 7-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن رەسمىي ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى.

  مۇسبەت بېسىمدا نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمەت پونكىتى بىر كىچىك گاڭتىڭغا ئوخشايدىغان بولۇپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمەتچى خادىملىرى گاڭتىڭدا ئولتۇرۇپ، قولىنى خىزمەت پونكىتى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان ئۇزۇن پەلەي قاپلىمىسىغا كىرگۈزۈپ نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ، ئەۋرىشكە بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشتىن ساقلىنالايدۇ.

  «مۇسبەت بېسىمدا نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمەت پونكىتى بولسىلا، ئەۋرىشكە ئېلىش خادىملىرىنىڭ قېلىن مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىشى ھاجەتسىز، خىزمەت پونكىتىنىڭ ئىچىدە ئىچكى ئايلانما ھاۋا تەڭشىگۈچ بار بولۇپ، تېمپېراتۇرىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ، ئىچىدە يەنە ئاتموسفىرالىق دېزىنفېكسىيەلەش قۇرۇلمىسى، يۆتكەپ توشۇش كۆزنىكى قاتارلىقلار سەپلەنگەن. يۆتكەپ توشۇش كۆزنىكى ئارقىلىق، ئېلىنغان ئەۋرىشكىلەر يۆتكەپ توشۇش خادىمىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، بۇنداق ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمەتچى خادىملارنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىش خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.» دېدى ئۈرۈمچى خەلقئارا دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى لياۋ جىۋېن.

  مۇسبەت بېسىمدا نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمەت پونكىتىنى جۇڭگو قىزىل كىرسىت فوندى جەمئىيىتىنىڭ يۇقۇمنى تەكشۈرۈش ئېھتىياجى بويىچە ياسالغان نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش ئەسلىھەسى بولۇپ، ئىگىلەيدىغان كۆلىمى ئاران ئىككى كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، بىيولوگىيە تەجرىبىخانىسى دەرىجىلىك داتلاشماس پولاتتا ھىملانغان ساندۇق گەۋدىسى، پولاتتىن ياسالغان ھىملاش ئىشىكى، پاكىزلاش يېڭى ئۇسۇلى، پەلەي ئۇلاش ئېغىزى ئىشلىتىلگەن، خىزمەت پونكىتى ئىچىدە 10دىن pa15غىچە مىكرو مۇسبەت بېسىملاش، سوغۇق، ئىسسىق ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە خىزمەت كۆزنىكى بار بولۇپ، سىرتنىڭ ھاۋا ئېقىمىنىڭ كىرىشىنى ئۈنۈملۈك توسالايدۇ.

  «بۇنچە ئىسسىق كۈنلەردە، تېببىي خادىملارنىڭ قېلىن مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ بىز ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ئىچىم ئاغرىيدۇ، ھازىر بۇ ئەسلىھە بار ئىكەن، ناھايىتى ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىكەن.» دېدى مۇسبەت بېسىمدا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمەت پونكىتىدا نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىشنى تاماملىغان بىر شەھەر ئاھالىسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى