تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىكى 28 دوختۇرخانا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە نورمال داۋالاش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز سۈن فاڭتىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 18:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 11-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاڭ يۈلەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يۇقۇم مەزگىلىدە يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، ھامىلىدارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللار، بالىلار، ئۆسمە كېسەللىكلىرى قاتارلىق جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر، چوڭ كېسەل ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قاندۇرۇش ئۈچۈن، قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە مەخسۇس 28 دوختۇرخانا بېكىتىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ھامىلىدارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىن يەتتىسى، بالىلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتلگەن دوختۇرخانىدىن ئۈچى، قان دىيالىزلاپ قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىن 11ى، ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىن ئۈچى، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتلگەن دوختۇرخانىدىن تۆتى بار ئىكەن. دوختۇرخانا نامى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى تىيانشان تورى، خۇڭسەن تورى قاتارلىق تور بېكەتلەردىن تەكشۈرسە بولىدىكەن.

    شاڭ يۈلەن مۇنداق دېدى: «يۇقارقى داۋالاش ئاپپاراتلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە نورمال داۋالاش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى ھەمدە زۆرۈر بولغان جىددىي دىياگنۇر قويۇپ جىددىي قۇتقۇزۇش ئارىلىق رايونى، جىددىي دىياگنۇز قويۇپ ئوپېراتسىيە قىلىش ئارىلىق رايونى ۋە كېسەلخانا ئارىلىق رايونى تەسىس قىلىپ، جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر، چوڭ كېسەل ئاغرىقلىرىنى مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا ۋاقتىدا داۋالىدى، ئېغىر دەرىجىدە گۇمانلىق بولغان، شۇنداقلا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئەمەسلىكى ئېنىق بولمىغان ئاغرىقلارغا قارىتا، داۋالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈردى، قۇتقۇزۇلغان-داۋالانغاندىن كىيىنمۇ يەنىلا دوختۇرخانىدا قالدۇرۇپ داۋالاشقا توغرا كەلگەنلىرىنى ئالدى بىلەن ئارىلىق رايوندا يالغۇز ئادەمنى يالغۇز كىشىلىك ئۆيدە ئايرىپ داۋالاپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى گۇمانى تۈگىگەندىن كېيىن، ئاندىن ئادەتتىكى كېسەلخانىغا يۆتكىدى».

    شاڭ يۈلەن مۇنداق دېدى: «يۇقۇم مەزگىلىدە، ئاھالىلەر تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ قالسا، دەرھال 120 جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىشى ياكى ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللە بىلەن ئالاقىلىشىپ، دەل ۋاقتىدا بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشى كېرەك. كېسەل كۆرسىتىش مەزگىلىدە، ئاغرىقلار ۋە ئائىلە ئەزالىرى پۈتكۈل جەرياندا ماسكا تاقىشى كېرەك. ھامىلىدارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللار ئادەتتە كەيپىياتىنى ياخشى تەڭشەپ، ھامىلىنىڭ تەۋرىنىشى، قان بېسىمىنى ياخشى كۆزىتىشى، نورمالسىزلىق كۆرۈلسە ۋاقتىدا داۋالىنىشى كېرەك؛ ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىدە تۇغۇت تەكشۈرتۈشى قىلدۇرۇشقا توغرا كەلگەنلەر تۇغۇت تەكشۈرتۈش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلدىن ئۆزىنى تارتىشى كېرەك، باشقا مۇۋاپىق ۋاقىتنى تاللاپ ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ. ياشانغانلار توپىدىكىلەر كۈندىلىك ساغلاملىق باشقۇرۇشى ۋە پىسخىكىلىق تەڭشەشنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق كېسەللىك بولسا، چوقۇم ۋاقتىدا دورا يېيىشى كېرەك، ئادەتتە تۇخۇم، سۈت، ئاق گۆش تۈرىدىكىلەر قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. بالىلاردا ئەگەر قىزىش، روھسىزلىق، ماغدۇرسىزلىق ياكى كۆپ يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ