تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۈچ چوڭ بازاردا كۆكتات مىقدارى يېتەرلىك، باھا مۇقىم بولدى

كۈندىلىك كۆكتات سودا مىقدارى 3042 توننا بولدى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنى تامامەن قاندۇرالايدۇ

   تىيانشان تورى خەۋىرى: نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆكتات، ئاشلىق، ياغ، گۆش قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالى يېتەرلىك بولۇپ، ئۈچ چوڭ بازارنىڭ 7-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى كۆكتات سودا مىقدارى 3042 توننىغا يەتتى.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى(ئاشلىق ئىدارىسى)نىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى توپ سېتىش بازارلىرىنىڭ سودا ئومۇمىي مىقدارى مۇقىم ئاشقان، كۆكتات تۈرلىرى تولۇق بولۇپ، توپ سېتىش باھاسىمۇ مۇقىم دائىرىدە بولغان. شىنلىيەن، بېييۈەنچۈن، لىڭچىڭ قاتارلىق ئۈچ چوڭ بازارنىڭ كۆكتات سودا مىقدارى 3042 توننىغا يەتكەن. بۇ ئالدىنقى كۈنىدىكىدىن 242 توننا كۆپ بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ نورمال ئىستېمال ئېھتىياجىنى تامامەن قاندۇرالايدىكەن.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنليەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرىدىن كەلگەن باھادا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى 60 خىل كۆكتاتنىڭ ھەربىر كىلوگىرامىنىڭ توپ سېتىش ئوتتۇرىچە باھاسى 3.39 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى كۈندىكىدىن 0.25 يۈەن چۈشكەن، بۇ ئىلگىرىكى بىر ھەپتە ئىچىدىكى باھا ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولغان.

    شىنليەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرىنىڭ باش دىرېكتورى چياۋ چاڭفېڭ مۇنداق دېدى: «بازىرىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەركۈنى مۇھىتنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ، بارلىق سودىگەرلەرنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ھەمدە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردۇق. ھەركۈنى بازاردىكى كۆكتات سودىسى 1927 توننىغا يەتتى، كۆكتاتلار ئاساسلىقى ئەنەنچۈي، سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى، كورلا قاتارلىق جايلاردىن ئېلىپ كېلىنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مېۋە-چېۋە، قوي-كالا گۆشى بازىرى قاتارلىقلار نورمال تىجارەت قىلدى، مېۋە-چېۋە كۈندىلىك سودىسى 400 توننىدىن ئاشتى، 260 كالا، 300دىن ئارتۇق قوي سودىسى بولدى».

    بېييۈەنچۈن بازىرى ۋە لىڭچىڭ كۆكتات، مېۋە-چېۋە بازىرى تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، سودىگەرلەرنى مال مەنبەسى بىلەن تەمىنلەشنى ماسلاشتۇرۇشقا پائال تەشكىللەپ، بازارنىڭ كۈندىلىك تەمىنلەش مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئىككى چوڭ بازارنىڭ 7-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى كۆكتات سودىسى ئايرىم-ئايرىم 455 توننا ۋە 660 توننا بولۇپ، مېۋە-چېۋە، تۇخۇم قاتارلىق زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ سودىسى نورمال بولدى.

    ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىگە كاپالەتلىك قىلىش-تەمىنلەشنى ھۆددىگە ئېلىش خىزمەت مېخانىزمىنى ۋاقتىدا يولغا قويغان. مەھەللىلەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەھەللىدىكى كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرى ۋە ئولتۇراق رايون ئىچىدىكى تاللا بازارلىرى، تۈرلۈك كىچىك دۇكانلار، كىچىك كۆكتات دۇكانلىرى، قولايلىق دۇكان قاتارلىقلارنى تىرەك قىلىپ، «كاپالەتلەندۈرۈش»نى «تەمىنلەش»كە، «كاپالەتلەندۈرۈش»نى «ھۆددىگە ئېلىش»قا ئۆزگەرتىپ، مەركەزلىك يەتكۈزۈپ بېرىش، ئالاھىدە يەتكۈزۈپ بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنى يېتەرلىك كۆكتات، ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق مۇھىم زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

    نۆۋەتتە، ئولتۇراق رايونلاردا تەسىس قىلىنغان تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى كاپالەت نۇقتىسى، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت نۇقتىسى، ۋاقىتلىق كۆكتات سېتىش نۇقتىسى قاتارلىقلارمۇ ئاھالىلەرنى زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ راۋان، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى(ئاشلىق ئىدارىسى)نىڭ باشلىقى يەن جۈن مۇنداق دېدى: «ئۈچ ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنى شىنليەن، لىڭچىڭ، بېييۈەنچۈن قاتارلىق ئۈچ چوڭ توپ سېتىش بازىرىدا نۇقتىدا تۇرۇپ ئۇدۇللاشتۇرۇشقا ئەۋەتىپ، بازار تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق؛ ئۈرۈمچىنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلىدۇق؛ داۋاملىق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئۈچ چوڭ بازاردا كۆكتات بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك، باھانىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى