تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سەنئەت ئارقىلىق، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغۇچىلارنىڭ ئىشەنچى ئاشۇرۇلدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مايگۈل ئايتقازى): ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ھەربىر ئادەمگە تەسىر كۆرسەتتى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى ھەرخىل شەكىلدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق دەۋرنى خاتىرىلەپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان خىزمەتچىلەرنى مەدھىيەلىدى.

  7-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئەدەبىيات-سەنئەت پىدائىيلار مۇلازىمەت مەركىزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىگە تەشەببۇسنامە تارقىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى، يامرىشىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا چاقىردى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئەسەرلەرنى مەركەزلىك ئىجاد قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى تەسىرلىك ئىش-ئىزلارنى جانلىق بايان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى ھەمدە تور سۇپىلىرى ئارقىلىق، ۋېيشىن سالونى، ۋېيبو، دوۋيىن قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ تەشۋىقات تەسىر كۈچىنى كېڭەيتتى.

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت يازغۇچىلار «شىنجاڭ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش»، «نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش مەھەللىلەرگە كىردى» قاتارلىق شېئىر ۋە كۈندىلىك خاتىرىلەرنى ئىجاد قىلدى؛ ھەر مىللەت گۈزەل سەنئەت خىزمەتچىلىرى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى جانلىق كۆرۈنۈشلەرنى ئوبراز قىلىپ، رەسىم قەلىمى ئارقىلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش روھىنى نامايان قىلىپ، «تومۇز ياز پەسلى»، «جەڭگە ئاتلىنىش» قاتارلىق بىر تۈركۈم گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلدى؛ شىنجاڭ خەتتاتلىق ساھەسىدىكىلەرمۇ بىرىنچى ۋاقىتتا ھەرىكەتكە كېلىپ، باش تېمىلىق خەتتاتلىق، ئويمىچىلىق ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلدى.

  بۇ ئەسەرلەر توردا تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ، بىر قەدەر يۇقىرى چېكىلىش مىقدارىغا ئېرىشتى. تورداشلار بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇ ئەسەرلەردە ھەر مىللەت خەلقنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھىي قىياپىتى نامايان قىلىنىپتۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى