تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئەتراپلىق ئېلىپ بېرىلماقتا

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر جياڭ شياۋ، چېن يەن خەۋىرى، فوتوسى): يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەر مەھەللىلەردە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماسكا تاقاش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەھەللە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى بىرىنچى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىدى. ھەرقايسى مەھەللە خىزمەتچىلىرى، تەۋەلىك رايوندىكى پىدائىيلار، ئولتۇراق رايون مۈلۈك شىركىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، يەنە كۆكتات، دورا يەتكۈزۈش، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنىمۇ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى.

7-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 23:17دە، چۈنخې يىيۈەن 1-قارارلىق ئولتۇراق رايوندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ چۈنشياڭ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى سېتىۋالغان كۆكتات ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بېرىشكە تەييارلىق قىلماقتا.

7-ئاينىڭ 26-كۈنى، خۇايۈەن. گوشيۇ جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدا، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭى شەھەر رايونى) چاڭچۈن شىمالىي يولى مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىسى لى لەنلەن(ئوڭدا) دورىخانىدا ئاھالىلەرگە دورا سېتىۋالماقتا.

7-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى لۈگۇ مەھەللىسىنىڭ پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ئۆيىدە، مەھەللە پىسخىكا يېتەكچىسى تيەن شۈ يان تېلېفوندا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەھەللە ئاھالىسىگە پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلماقتا.

7-ئاينىڭ 27-كۈنى، باغچە شىمالىي كوچىسى 19-نومۇرلۇق قورۇدا، سايباغ رايونى شىنخۇا مەھەللىسىنىڭ پىدائىيى ۋاڭ خەيلۇڭ ئاھالىلەر ئۈچۈن ۋاكالىتەن مىنېرال سۇ سېتىۋالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ