تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

4 توننا كۆكتات ئاھالىلەرگە ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىلدى، ئۇ تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋىرى): «ۋىرۇس رەھىمسىز بولسىمۇ، كىشىلەر ئارىسىدا مۇھەببەت بار، يامغۇرلۇق بىر كېچىدە، ئۇ 4 توننا يېڭى كۆكتاتنى توشۇپ كېلىپ، كېچىلەپ مىڭ ئائىلىلىك كىشىگە تارقىتىپ بەردى.......» 7-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شاڭدېيۈەن ئولتۇراق رايونى مېۋە-چېۋە، كۆكتات دۇكىنىنىڭ ئىگىسى يۈەن گوفۇ ئاتا-بالا ئالىبابا تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنىرگىيەسى تىيانشان تورى بىلەن بىرلىشىپ بەرگەن تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيەسى ئالاھىدە مۇكاپاتى ۋە 20 مىڭ يۈەن ئاكتىپ ئېنېرگىيە مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى.

  7-ئاينىڭ 22-كۈنى، شاڭدېيۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ توپىدا بۇ ئولتۇراق رايوندا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقىتىلدى، كۆپچىلىكنىڭ كۆكتاتقا بولغان ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەھەللىنىڭ ياردەم بېرىشى ۋە ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، يۈەن گوفۇ 4 توننا يېڭى كۆكتاتنى توشۇپ كەلدى. يۈەن گوفۇ، ئۇنىڭ ئوغلى يۈەن شۈدۇڭ ۋە مەھەللىدىكى پىدائىيلار، مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىرلىكتە يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي كېچىلەپ 4 توننا كۆكتاتنى 1000دىن ئارتۇق خالتىغا بۆلۈپ قاچىلاپ، ھەربىر كورپۇس بىنانىڭ دەنيۈەن ئىشىكى ئالدىغا بىرمۇبىر يەتكۈزدى.

  7-ئاينىڭ 25-كۈنى، تىيانشان تورىدا «ئۈرۈمچى: يامغۇرلۇق بىر كېچە + تۆت توننا ھەقسىز كۆكتات = مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىلىكنى تەسىرلەندۈرۈش» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ساخاۋەتلىك ئىش خەۋەر قىلىنىشى بىلەنلا، كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  ئالىبابا تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيە مۇكاپاتىنى تارقىتىش سۆزىگە مۇنداق يېزىلغانىدى: «ئۇنىڭ بۇ قىزغىن ھەرىكىتى بىزنىڭ ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى، مەيلى قانداق ئاپەت ۋە ياكى بەختسىزلىككە يولۇقۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، پەقەت ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئاقكۆڭۈللۈك ۋە ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈش، ياردەم بېرىشلا بولىدىكەن، بىز ھامان خەۋپ-خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرالايمىز. مۇھەببەت ۋىرۇسقا قارىغاندا سىزگە تېخىمۇ يېقىن.»

  ئۆزىنىڭ مۇكاپاتلانغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، يۈەن گوفۇ ھاياجانلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنمۇ بۇ ئولتۇراق رايوندا تۇرۇشلۇق ئاھالە، خېنەندىن شىنجاڭغا كەلگەن بۇ ئون نەچچە يىلدا، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەممىمىز كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن، قوشنىلار ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن كىچىككىنە ئىشىمنىڭ بۇنچىۋالا دىققەتنى قوزغايدىغانلىقىنى، يەنە مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، بۇ بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ئىلھاملاندۇردى. گەرچە ئائىلىمىز باياشات ئائىلىلەردىن بولمىسىمۇ، ئەمما كۆپچىلىككە كۆكتات يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىمىزدىن پۇشايمان قىلمايمىز، شۇڭا، بىز مۇكاپات پۇلىنىڭ ھەممىسىنى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىشنى قارار قىلدۇق، ئۇنى ئىئانە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلىمىز.»

  «تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيەسى» ئالىبابا گۇرۇھىنىڭ تىيانشان تورىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100دىن ئارتۇق ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى بىلەن بىرلىشىپ بەرپا قىلغان چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئېچىۋېتىلگەن سۇپىسى بولۇپ، «ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىپ، چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكنى ئەۋج ئالدۇرۇش»نى ئاساسىي مەقسەت قىلغان، بۇ سۇپا پۈتۈن جەمئىيەتتىن ئاددىي كىشىلەرنىڭ ساخاۋەتلىك ئىشلىرىنى ئىزدەيدۇ، مۇكاپاتلايدۇ. نۆۋەتتە، «تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيەسى» 7000دىن ئارتۇق ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك شەخسنى مۇكاپاتلاپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق فوندىغا 65 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى