تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

10-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى: نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولماقتا، كۆپچىلىك كۈندىلىك ئۆز مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سۈن فاڭتىڭ خەۋىرى، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن فوتوسى): 7-ئاينىڭ 27-كۈنى، سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 10-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  يىغىندا مۇنداق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى: 7-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 41 (بۇنىڭ ئىچىدە 15 ئاغرىق مىسالى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن)، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 38 (ئۈرۈمچى شەھىرىدە 37، بىڭتۇەن 12-شىسىدە بىر). 7-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 24 كىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 178، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 170.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ ۋۇلۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 7-ئاينىڭ 26-كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئاساسلىقى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش ۋە مەركەزلىك ئايرىش ئارقىلىق ئىلغاپ تەكشۈرۈپ چىقىلغان. نوكلېئىك كىسلاتا نەتىجىسى مۇسبەت بولغان تەكشۈرۈش ئەۋرىشكىسىنى قايتا تەكشۈرۈش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى ۋە دىياگنوز قويۇش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن دوكلات قىلىنغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى بىر قەدەر كۆپ بولدى، نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولماقتا.

  ۋاڭ ۋۇلۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋىرۇسىنىڭ كېسەل پەيدا قىلىش قانۇنىيىتى مۇرەككەپ، يۇقۇشچانلىقى كۈچلۈك، تارقىلىشى تېز، كېسەلنىڭ قوزغىلىشى يوشۇرۇن، بايقاش تەس بولغاچقا، كۆپچىلىككە كۈندىلىك ئۆز مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە دىققەت قىلىپ، بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ھامان دەل ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش ھەمدە پۈتۈن مۇساپىدە مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەشنى ئەسكەرتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى