تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن پىدائىي: بىر ئادەم 200 نەچچە ئائىلىنى قوغدىدى، ئۇ ئاھالىلەرنىڭ «زاكاز»لىرىنى تالىشىپ يەتكۈزدى

خۇ يۇڭگاڭ كۆكتات توشۇماقتا.

  تىيانشا تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ خەۋىرى): «چوقۇم ئىچىۋېتىڭ، ئىچمىسىڭىز كېتىشىڭىزگە رۇخسەت يوق .......» 7-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا سائەت 9:00دا ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بولغان خۇ يۇڭگاڭ ئاھالىنىڭ «قاتتىق نەسىھىتى»گە دۇچ كېلىپ قالدى. بوۋاينى ماقۇل كەلتۈرەلمىگەن خۇ يۇڭگاڭ بىر چىنە يېشىل ماش شورپىسىنى بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتى، قارشى تەرەپنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

  «بالام، ئىسسىق ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ، كۆپرەك سۇ ئىچىپ بېرىڭ.» 80 ياشقا يېقىنلاپ قالغان رۇڭ ھەدە تاپىلاپ بولۇپ، يەنە ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى سېتىۋالماقچى بولغان مېۋە، كۆكتاتلىرىنى دېدى. موماينىڭ گەپلىرى سەل ئاستا بولغاچقا، خۇ يۇڭگاڭ سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ، ئالىدىغان نەرسىلەرنى بىرمۇبىر خاتىرىلىۋالدى.

  بۇ يىل 49 ياشقا كىرگەن خۇ يۇڭگاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شۈيتاشەن كوچىسى ئىتتىپاق مەھەللىسى ۋېنيۈەن 1-كوچىسى ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىي سالاھىيىتىدىكى ئۇ بىرىنچى ۋاقىتتا مەھەللىنىڭ ئاھالىلەر پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە تىزىملاتتى.

  «ھەربىي كىيىمنى بىر كىيگىنىم ئۆمۈرلۈك ھەربىي بولغىنىمدۇر، مەن ھەر ۋاقىت بۇيرۇق كۈتۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى تەڭ ئۈستۈمگە ئېلىپ، پۇقرالارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىمەن.» دېدى خۇ يۇڭگاڭ.

خۇ يۇڭگاڭ ئۇن ۋە گۈرۈچلەرنى توشۇماقتا.

  پېشقەدەم ئەسكەرنىڭ ئەستايىدىللىقى: ياشانغانلار ئۈچۈن يېقىنلار نومۇرى تەسىس قىلىپ بېرىش

  ۋېنيۈەن 1-كوچىسى ئولتۇراق رايونى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا سېلىنغان بولۇپ، كونا ئولتۇراق رايونغا تەۋە، ئولتۇرىدىغان ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى پېنسىيەگە چىققان ياشانغانلار. مۇلازىمەت ئوبيېكتى ئالاھىدە بولغاچقا، خۇ يۇڭگاڭ كۆپرەك ئەستايىدىل ۋە كۆيۈمچان بولدى.

  «نۇرغۇن ياشانغانلاردا ۋېيشىن يوق، بىرەر نەرسە-كېرەك بولسا تېلېفون قىلىدۇ، مەن خاتىرىلىۋالىمەن.» دېدى خۇ يۇڭگاڭ. ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى بىر كۈندە، ئۇ ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئۆزىنىڭ يان تېلېفون نومۇرىنى ئۆزى مۇلازىمەت قىلماقچى بولغان 200 نەچچە ئاھالىگە ئېيتىپ بەرگەنىدى. قىسمەن نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان يېشى چوڭلار ۋە يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلارغا نىسبەتەن، ئۇ ئۆزىنىڭ يان تېلېفون نومۇرىنى قارشى تەرەپنىڭ يېقىنلار نومۇرىغا ساقلاپ بېرىپ، ياشانغانلارنىڭ بىر كۇنۇپكا بىلەنلا تېلېفون ئۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

  «بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ، جىددىي ئىشلارغا يولۇقسا، ياشانغانلارمۇ ئالاقزادە بولمايدۇ.» دېدى خۇ يۇڭگاڭ.

  تۇنجى كۈنىدىكى زىيارەتتە، خۇ يۇڭگاڭ ئۆزى مەسئۇل بولغان ئۈچ بىنادا، يەتتە ياشانغان كىشىنىڭ قۇلىقىنىڭ ياخشى ئاڭلىمايدىغانلىقىنى، تېلېفوندا پاراڭلىشىش قولايسىز ئىكەنلىكىنى بايقىدى، شۇنداق بولغاچقا، ئىش ئورنىغا چىققان تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ، ئۇ بىر سائەت بۇرۇن ئىشىكتىن چىقتى: 67 -بىنا  1- دەنيۈەن 401-ئۆيدىكى نيې ھەدە، 67 -بىنا 2-دەنيۈەن 301-ئۆيدىكى ليۇ ئۇستام ئەر-خوتۇن، 43-بىنا 2-دەنيۈەندىكى رۇڭ ھەدە.... ئۇ ئۆيمۇئۆي ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ياشانغانلارنىڭ شۇ كۈنكى لازىملىق نەرسىلىرىنى سورىدى.

  سائەت 10:00دا، خۇ يۇڭگاڭ رەسمىي ئىش ئورنىغا چىقتى. يەتتە ياشانغان كىشىنىڭ لازىملىق نەرسىلىرىنى خاتىرىۋېلىپ، ئۇدۇل ئولتۇراق رايوننىڭ ئىشىكىدىكى دۇكانغا باردى ھەمدە «زاكاز قوبۇل قىلىش»قا باشلىدى.

خۇ يۇڭگاڭ ئاھالىلەرگە لازىملىق نەرسىلەرنى خاتىرىلىمەكتە.

  «يەتتە ياشانغان كىشىدىن باشقا، قېپقالغان ئاھالىلەر ئادەتتە نېمە لازىم بولسا ماڭا تېلېفون قىلىدۇ ياكى ۋېيشىندا يوللايدۇ. ھەر كۈنى تەخمىنەن 50، 60 <زاكاز> بار. كۆپ قىسمى كۆكتات، مېۋە، ئۇن، ياغ، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە دورا.» دېدى خۇ يۇڭگاڭ. بەزىدە تېلېفون ئېلىۋېرىپ، يان تېلېفونۇممۇ قىزىپ كېتىدۇ.

  يان تېلېفوننىڭ توكى قالماي خىزمەتكە تەسىر يېتىشىدىن ئەنسرىگەن 70-يىللاردا تۇغۇلغان خۇ يۇڭگاڭ «ياشلارنىڭ ئادىتى»نى يېتىلدۈردى  ___ چۇڭديەنباۋ ئېلىۋالىدىغان بولدى.

  بىر پارچە A4 قەغەزدە، خۇ يۇڭگاڭ يازغان ھەر بىر ئائىلە ئېھتىياجلىق بۇيۇملارنىڭ ئۇچۇرلىرى خاتىرىلەنگەنىدى. ئۇ پىدائىيلىق خىزمىتىگە قاتناشقان مۇشۇ كۈنلەردە، ئۆزىنىڭ ئەستايىدىللىقى بىلەن بىر قېتىممۇ خاتالىق سادىر قىلىپ باقمىدى.

  نەرسە تاللاش، جىڭلاش، ئوراش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئۇچۇرلىرى ۋە باھاسىنى خاتىرىلەش...... بىر يۈرۈش ھەرىكەتلەرنى خۇ يۇڭگاڭ ئەمدىلا قىلىپ تۈگەتتى. ئۇ ئەڭ كۆپ بولغاندا يەتتە، سەككىز مىنۇتتا بىر ئاھالىنىڭ لازىملىق نەرسىلىرىنى تەقسىملەپ بولاتتى.

خۇ يۇڭگاڭ نەرسە توشۇماقتا.

  پېشقەدەم ئەسكەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى: ئۇ ئۆزى يالغۇز ئۈچ بىنانى ھۆددىگە ئالدى

  «ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ كۆپىنچە پىدائىيلىرىمىز 80-، 90-يىللاردا تۇغۇلغانلار، ئادەتتە بىر ئادەم بىر-ئىككى بىنادىكى ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ. ئەمما خۇ تاغا ئۆزىنىڭ ئەسكەر بولغانلىقىنى، بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، قول-پۇتىنىڭمۇ چاققان ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۈچ بىنانى ھۆددىگە ئالدى، بۇ ئۈچ بىنادا 200دىن ئارتۇق ئائىلە 450تىن ئارتۇق ئادەم بار.» ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن شۈيتاشەن كوچىسى ئىتتىپاق مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى ما لى شۇنداق دېدى. «مەھەللە ئۇنىڭ يالغۇز يېتىشىپ بولالماسلىقىدىن ئەنسىرىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ سىناپ بېقىشتا چىڭ تۇرۇۋالدى.»

  ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ئىنچىكە ئەمگەك، تېخىمۇ مۇھىمى جىسمانىي كۈچ كېتىدىغان ئىش.

  «مەن خۇ ئاكامغا ھەقىقەتەن قايىل، مەندىن 10 نەچچە ياش چوڭ تۇرۇپمۇ، بەدەن قۇۋۋىتى ياخشىكەن. ئاھالىلەرنىڭ ‹زاكاز›لىرىنى ئۇ تالىشىپ ئالىدۇ. ئۇنى بىزگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى دېيىشكە بولىدۇ.» بىرلىكتە پىدائىيلىققا قاتناشقان ئولتۇراق رايون ئاھالىسى زېڭ يىپىڭ شۇنداق دېدى.

  مەسئۇل بولغان بىنادىن كۆكتات دۇكىنىغىچە، گەرچە يۈز مېتىرمۇ كەلمىسىمۇ، ئەمما خۇ يۇڭگاڭ بېرىش-كېلىش، بىناغا چىقىش-چۈشۈشتە ۋېيشىننىڭ قەدەم سانىدا تۈمەن قەدەملىك ساننى بۆسۈپ ئۆتتى.

  «مەن بىنادىن چۈشۈپ ئېلىۋالاي دېسەم، بۇ بالا پۇتۇمنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىشىك ئالدىغىچە ئەكىلىپ بېرىدۇ، سۇ ئىچىۋېلىڭ دېسەممۇ ئۇنىماي، نەرسىلەرنى قويۇپلا ئالدىراپ ماڭىدۇ.» ئولتۇراق رايوندىكى ليۇ شۆيىڭ ئىچى ئاغرىغان ھالدا شۇنداق دېدى.

  ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر خۇ يۇڭگاڭدىن مىنەتدار، بەزىدە ئۇلار ئۇنىڭغا مۇزدەك سۇ تەييارلاپ قويىدۇ، بەزىدە يېشىل ماش شورپىسى تەييارلاپ قويىدۇ.

  ھەر كۈنى ئەتىگەندە، قانچىلىك «زاكاز» بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خۇ يۇڭگاڭ ئادەتتە تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ تاماق يەيدۇ. بەزىدە چۈشلۈك تاماقنى چۈشتىن كېيىن يەيدۇ. «بالدۇرراق تەقسىملەپ يەتكۈزۈۋەتسەم، باشقا ئىشلارغا دەخلى يەتمەيدۇ.» ئۇ ھەمىشە شۇنداق دەيدۇ.

  ئەتىگەندىكى تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنى تۈگەتكەندىن كېيىن، خۇ يۇڭگاڭ ئاپتوموبىلنى ئەستايىدىللىق بىلەن بىر قېتىم سۈرتۈپ چىقتى.

  «خۇ تاغا ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىلىنى مەھەللىنىڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلى قىلدى، ئادەتتە ياشانغانلار دوختۇرخانىغا كېسەل كۆرسەتمەكچى بولسا، ئۇ ياشانغانلارنى ئاپىرىپ قويىدۇ. ھەر قېتىم يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئاپتوموبىلنى پاكىز سۈرتۈپ، ئاھالىلەرگە ياخشى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ.» دېدى ما لى، ھەربىيدىن كېلىپ چىققان خۇ يۇڭگاڭنىڭ پۇت-قولى چاققان بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەستايىدىل، كۆيۈمچان. «ئۇ مەھەللىدىكىلەر ئورتاق ئېتىراپ قىلغان بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك پىدائىي.»

  «ھەممىسى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار. مەن ئىلگىرى زەيتۇن يېشىل كىيىمنى كىيگەندىلا ماڭا بىر ئۆمۈر خەلققە مۇلازىمەت قىلىش ئېتىقادى ۋە مەسئۇلىيىتى يۈكلەنگەن.» دېدى خۇ يۇڭگاڭ.

(سۈرەتلەرنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى