تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىنجاڭ: نۆۋەتتە تۈرلۈك داۋالاش ماددىي ئەشيالارنىڭ ئامبار زاپىسى يېتەرلىك بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا تامامەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز سۈن فاڭتىڭ خەۋىرى، دۇۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن فوتوسى): 7-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 10-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى جاڭ رۇڭ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى «تېببىي قۇتقۇزۇش–داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىش، مۇھىم بىرىنچى سەپكە كاپالەتلىك قىلىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش» تەلىپى بويىچە، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش، يۆتكەپ سەپلەش، بازارغا سېلىش، زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە يۆتكەپ سەپلەش ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

بىرىنچىدىن، مۇھىم نۇقتىنى كاپالەتلەندۈرۈش گەۋدىلەندۈرۈلدى. تەكشۈرۈش سىناق دورىسى، مۇداپىئە بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، قۇتقۇزۇش-داۋالاش دورا بۇيۇملىرى، دېزىنفېكسىيە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق بەش چوڭ تۈردىكى 33 نۇقتىلىق تۈرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئاساسىدا، «جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈم، دەل جايىدا، مىقدارغا كاپالەتلىك قىلىش»نى گەۋدىلەندۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى «تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش»نى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ئاچقۇچى قىلىنىپ، تۈرلۈك داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش جايىدا بولۇش، يۆتكەپ سەپلەش جايىدا بولۇش، بازارغا سېلىش جايىدا بولۇش، زاپاس ساقلاش جايىدا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

ئىككىنچىدىن، تېز، قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىندى. «مەركەزلەشتۈرۈپ بىرتۇتاش باشقۇرۇش، رايون بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاش، يېقىن ئەتراپتىن يۆتكەپ سەپلەش» پىرىنسىپى بويىچە، باشلامچى دورا شىركەتلىرىنى ئاساس، باشقا دورا سودىگەرلىرىنى قوشۇمچە قىلغان تېز سۈرئەتتە تەقسىملەپ يەتكۈزۈش يوللىرى بەرپا قىلىنىپ، ئاۋىياتسىيە، تۆمۈر يول، تاشيول قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلىپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە توشۇش ۋە يۆتكەپ سەپلەشكە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىندى. بولۇپمۇ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجى بويىچە، ئاپتونوم رايوندىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاشتىكى نۇقتىلىق دوختۇرخانىلار ۋە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى جىددىي ئېھتىياجلىق داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ھەم تەكشۈرۈش سىناق دورىسى قاتارلىقلارنىڭ، ئېھتىياجغا ئاساسەن تېز سۈرئەتتە جايىدا تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىندى.

ئۈچىنچىدىن، سىرتتىن سېتىۋېلىش، ئىچكى قىسىمدا ئىشلەپچىقىرىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇزاق مۇددەتلىك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىندى. دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلار بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك سېتىۋېلىش مۇددىئاسى ھاسىل قىلىپ، كۆچمە CT، كۆچمە DR، نەپەسلەندۈرگۈچ، ECMO قاتارلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە مۇداپىئە ماسكىسى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمى، مۇداپىئە ئاياغ قاپلىمىسى، مۇداپىئە قالپىقى، تاشقى كېسەللىكلەر پەلىيى، كۆز ئاسراش ئەينىكى، مۇداپىئە ئېكرانى قاتارلىق مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى پائال سېتىۋېلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقىرىشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئۈرۈمچى مەركەز قىلىنىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى ئ‍‍ۆز ئ‍‍الدىغا ت‍‍ەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئ‍‍ىقتىدارى ت‍‍ېز سۈرئەتتە ئاشۇرۇلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى، پېشانە تېرمومېتىرى، رۇڭپېنبۇ كارخانىلىرى 63كە يەتتى. نۆۋەتتە بار بولغان تۈرلۈك داۋالاش ماددىي ئەشيالارنىڭ ئامبار زاپىسى يېتەرلىك بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا تامامەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

تۆتىنچىدىن، قاتتىق سۈپەت باشقۇرۇش-تىزگىنلەش مېخانىزمى بەرپا قىلىندى. داۋالاش مۇداپىئە بۇيۇملىرى، تەكشۈرۈش سىناق دورىسى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە قۇتقۇزۇش-داۋالاش دورا بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش، يىغىپ ساقلاش، ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش قاتارلىق ھالقىلاردا ھەر تەرەپلىمە كۆزىتىش-ئۆلچەش، باشقۇرۇش-تىزگىنلەش يولغا قويۇلۇپ، سۈپەت بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكى قاتتىق ساقلاندى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى سۈپىتى ۋە بازار تەرتىپىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، تاۋارلارنى بېسىپ قويۇپ ھايانكەشلىك قىلىش، تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ باھانى ئۆستۈرۈش، باھانى ئۆستۈرۈۋېلىش، ساختا تاۋار ياساش، سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئاممىنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىنىپ ۋە تېز بىر تەرەپ قىلىنىپ، يۇقۇم مەزگىلىدە تۈرلۈك داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا، سۈپەت كاپالىتىگە، باھانىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

جاڭ رۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، قوماندانلىق ئىشتابى داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش، يۆتكەپ سەپلەش، بازارغا سېلىش، زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى