7-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى شىنليەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرىدا، سودىگەرلەر يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن يېڭى كۆكتاتلارنى رەتلىمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالىي شەھەر رايونىغا جايلاشقان شىنليەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرى شۇ جايدىكى بىر چوڭ تىپتىكى توپ سېتىش بازىرى بولۇپ، شەھەر رايونىنى مېۋە، كۆكتات، ئاشلىق، ياغ قاتارلىق يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان. نۆۋەتتە، بازاردا تۈرلۈك كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنىڭ تۈرى مول، كاپالىتى يېتەرلىك بولۇپ، كۈندىلىك سېتىلىش مىقدارى 2000 توننا ئەتراپىدا بولماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى
7-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى شىنليەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرىدا، سودىگەرلەر سېتىلىش ئالدىدا تۇرغان تۇخۇملارنى رەتلىمەكتە.
7-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى شىنليەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرىدا، بىر سودىگەر بىر كۈنلۈك كىرىمىنى ھېسابلىماقتا.
7-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى شىنليەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرىدا، بىر سودىگەر يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا ئارام ئالماقتا.