تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ شىنجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار رەن ئەيجۈەن، نازىلە دۆلەت، ليۇ يىڭيىڭ، ليۇ چاڭ، شۈ شىنلى، دۇەن شۇيا، مەۋلان مەمەت، لى سەنشى خەۋىرى، فوتوسى): يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەھەللىنىڭ باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت غەمخورلۇقى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرىگە قولاي ھەم سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، زور بىر تۈركۈم مەھەللە پىدائىيلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەرقايسى ئولتۇراق رايونلىرىدا جانلىق ھەرىكەت قىلىپ، بۇ شەھەرنىڭ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان مەنزىرىسىگە ئايلاندى. بىز ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن، لېكىن شەھەر ئاھالىسى ئېھتىياجلىق بولۇپ ئېغىز ئاچسىلا، ئۇلارنىڭ ئالدىراشلىق ئىچىدە يۈرگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.
ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى ۋېيخۇلياڭ كوچىسى شىنگۇاڭ مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئوقۇتقۇچى ناۋا ۋۇسىدىن مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ تەرگە چۆمۈپ ئاھالىلەرگە كۆكتات يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، پىدائىي بولۇشقا تىزىملىتىشنى قارار قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ مەزگىلىدە مەھەللە خىزمەتچىلىرى بەك جاپا چېكىۋاتىدۇ، مەن مەھەللە پىدائىيلىقىغا تىزىملىتىپ، ئۇلارغا ياردەم قىلىشنى ئويلىدىم، پىدائىيلىققا تىزىملاتقاندىن كېيىن، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ جاپاسىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.»
7-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمگۇ رايونى شۈيتاشەن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىتتىپاق شىمالىي يولى مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تېز يوللانمىلىرىنى يەتكۈزمەكتە.
7-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى باداۋان تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى جيۇداۋان يولى مەھەللىسىدىكى پىدائىيلار تاللا بازىرىدا ئاھالىلەر ئۈچۈن تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالماقتا.
7-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونى باداۋان تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى جيۇداۋان يولى مەھەللىسىدىكى پىدائىي مال يەتكۈزمەكتە.