تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇقتىلىق رايونلاردا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ئىككىنچى قېتىم ھەقسىز تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارغا قارىتا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ئىككىنچى قېتىم ھەقسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «چۈشۈپ قالغانلىرىنى تەكشۈرۈپ، تولۇقلاش»نى قانات يايدۇردى.

جاڭ ۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى كۆپ ساندىكى رايون(ناھىيە)لاردا ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، تۈنۈگۈن يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئاساسەن پۈتۈن شەھەر بويىچە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش، تەشەببۇسكار ھالدا ئىلغاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئايرىپ چىقىلغان. دۆلەت ئىچىدىكى باشقا رايونلارنىڭ تەجرىبىسىدىن قارىغاندا، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ ئىكەن، مەسىلەن، تەكشۈرۈش سىناق دورىسىنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسى، تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ يۇقۇملىنىش ۋاقتى ۋە زەھەر تازىلاش ۋاقتى، ئەۋرىشكە ئالغاندا تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ ماسلىشىش ئەھۋالى(ياخشى ماسلاشمىسا ئەۋرىشكىنىڭ جايىدا ئېلىنماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن) ھەمدە تەكشۈرۈش مۇھىتى، تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ مەشغۇلاتقا پىششىق بولۇش دەرىجىسى قاتارلىقلار. ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتىمۇ ساختا مەنپىي نەتىجە كۆرۈلىدۇ.

ساختا مەنپىي دېگىنىمىز، تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ ھەقىقەتەن يۇقۇملانغۇچى بولسىمۇ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مەنپىي چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى، گۇمانىي ئاغرىق مىسالى بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقانلارنى ئادەتتە ئىككى قېتىم نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ئايرىپ چىققىلى بولىدۇ. يۇقۇم خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى ئوتتۇرا ھال، يۇقىرى رايونلارغا بارغانلارغا قارىتا، ئەگەر قىزىش ۋە نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بىر قېتىملىق نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مەنپىي بولۇشىدا ساختا مەنپىيلىك ئېھتىماللىقى بولۇشى مۇمكىن، ئىككى قېتىم نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ئايرىپ چىققىلى بولىدۇ.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت نۆلدىن سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 22سى(بۇنىڭ ئىچىدە بەشى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن) يېڭىدىن كۆپەيگەن، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 38ى يېڭىدىن كۆپەيگەن. 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 135، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 147.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى