تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆپچىلىك تەجرىبىخانىدا بەسلىشىپ ئىشلىدى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش كېچە - كۈندۈز توختىمىدى

كۆپچىلىك تەجرىبىخانىدا بەسلىشىپ ئىشلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لۇ فېڭباۋ، لياڭ لىخۇا، ۋاڭ يۇڭفېي

ئۈرۈمچى شەھىرىدە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قوزغىتىلغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 24 نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈش - ئۆلچەش خادىملىرى دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى تەشكىللىگەن ئون ئۆلكە، شەھەردىن شىنجاڭنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشىگە ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئون ئەترەتتىكى 200دىن ئارتۇق كىشى بىلەن بىللە كېچە - كۈندۈز دېمەي نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سەھەر سائەت 1دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى خەلقئارا دوختۇرخانىسى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ چىراغلىرى يوپيورۇق تۇراتتى، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى، بۇ دوختۇرخانا تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل تەكشۈرگۈچىسى سۇ گۇاڭلۇڭ تەجرىبىخانىدىن ئاستا مېڭىپ چىقىپ، مۇداپىئە كىيىمى، رېزىنكە پەلەي، كۆز قوغداش ئەينىكى قاتارلىقلارنى سېلىۋېتىپ، ئورۇندۇققا ئۆزىنى تاشلىدى ۋە بىر بوتۇلكا سۇنى ئېلىپ يېرىمىنى بىراقلا ئىچىۋەتتى، ئۇدا سەككىز سائەتتىن كۆپرەك خىزمەت قىلغاندىن كېيىن قانغۇچە سۇ ئىچىش ئۇ ئەڭ مەمنۇن بولىدىغان ئىشى بولۇپ قالغانىدى.

«خىزمەت ۋاقتىدا ھاجەتخانىغا بېرىش قولايسىز، شۇڭا سۇ ئىچمەيمىز.» سۇ گۇاڭلۇڭ ماسكا سىرتىدىن يۈزىنى ئۇۋۇلاپ قويدى، ئىككى قولى تەردىن ئاقىرىپ كەتكەنىدى، يۈزىدە كۆز قوغداش ئەينىكىنىڭ ئىزى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

ئۈرۈمچى خەلقئارا دوختۇرخانىسى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جېڭ جىنرېننى زىيارەت قىلىشىمىز ناھايىتى قىيىنغا چۈشتى، ئۇنىڭغا كېلىدىغان تېلېفون بەك كۆپ ئىدى، تەكشۈرۈش جەريانىدىكى ئىشلارنى ماسلاشتۇراتتى، پىكىر ئالماشتۇراتتى، بىر تەرەپ قىلاتتى، يەنە ئىشخانىغا قايتىپ سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىشى كېرەك ئىدى. «زىيارەتنى قوبۇل قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆيدىكىلەر بىلەن سىنلىق سۆزلىشىشكىمۇ يېتىشەلمەيۋاتىمەن» دېدى جېڭ جىنرېن ئۆزرىخاھلىق ئېيتىپ.

تەكشۈرۈش بۆلۈمىدىكى ھەممەيلەن ئالدىراش ئىدى، بىراق مۇخبىرلار كارىدوردا «سەيلە قىلىۋاتقان» بىرەيلەننى بايقىدى.

«يېڭى سانلىق مەلۇمات چىققۇچە بولغان بوش ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ مېڭىۋاتىمەن، بولمىسا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ساقلاپ مۈگدەپ قالىدىكەنمەن» دېدى تەكشۈرگۈچى لى شياڭپېڭ «چۈشەندۈرۈپ».

30 ياشلىق لى شياڭپېڭ ھەقىقەتەن «ھۇرۇنلۇق» قىلمىغانىدى. ئۇ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتى ھاسىل بولغاندىن كېيىن، تەھلىل قىلىپ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى چىقىرىشقا مەسئۇل ئىكەن. يېقىندىن بۇيان، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتى شىددەت بىلەن كۆپەيگەچكە، ئۇ كېچە - كۈندۈز ئىسمېنا - ۋاقىت قوشۇپ ئىشلەۋېتىپتۇ.

«شياڭپېڭ، سانلىق مەلۇمات كەلدى» دەپ توۋلىدى ئىشخانىدىكى خىزمەتدىشى. لى شياڭپېڭ دەرھال قەددىنى رۇسلاپ، كۆكرەك كېرىش ھەرىكىتىنى ئىشلىۋېتىپ، يۈگۈرگەن پېتى ئىشخانىغا قايتتى، «مەن جەزمەن تاڭ ئېتىپ ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇن سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىپ بولۇشۇم كېرەك» دېدى ئۇ كېتىۋېتىپ مۇخبىرلارغا.

7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سەھەر سائەت 1دە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - خەلق دوختۇرخانىسى ئالدىراشلىققا تولغانىدى، مەھەللىلەردىن ئېلىنغان بىر تۈركۈم نوكلېئىك كىسلاتا ئەۋرىشكىلىرى ئەمدىلا ئېلىپ كېلىنگەنىدى.

«نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئەۋرىشكىسى يەتكۈزۈپ كېلىنگەندىن تارتىپ تەكشۈرۈشنى تاماملاشقىچە، بىزنىڭ بىر يۈرۈش قاتتىق تەكشۈرۈش تەرتىپىمىز بار.» دوختۇرخانا تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېنلى مۇنداق دېدى: نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسى سىناق دورىسىنى تەييارلاش رايونى، ئەۋرىشكە ياساپ تەييارلاش رايونى، كېڭەيتىش - كۆپەيتىش رايونىغا ئايرىلىدۇ، ھەربىر رايوننىڭ مۇناسىپ مەشغۇلات تەرتىپى بار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەكشۈرۈش تەرتىپىمۇ ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلۇپ، تەكشۈرۈش ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلىدۇ.

جاڭ ۋېنلى مۇنداق دېدى: «خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئەترىتى ئالتە يۈرۈش نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئېلىپ كەلدى. بىز خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئەترىتى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا ماسلىشىپ، تۆت ئىسمېنا نۆۋەتلىشىپ ئىشلەش تۈزۈمىنى قوللاندۇق، ئۈسكۈنىلەر 24 سائەت ئايلىنىپ تۇردى. ھازىر، تەكشۈرۈش مىقدارىمىز ئۇلار كېلىشنىڭ ئالدىدىكىدىن ئون ھەسسىگە يېقىن ئاشتى».

سەھەر سائەت 2دە، ئىسمېنا ئالمىشىش ۋاقتى بولدى، تەكشۈرگۈچى خادىملار ھارغىن قەدەملەر بىلەن نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسىدىن ئارقا - ئارقىدىن چىقتى، ئۇزاق ۋاقىت بېلىنى ئېگىپ مەشغۇلات قىلغاچقا، ئۇلار قولى بىلەن توختىماي بېلىگە مۇشتلايتتى.

7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ تېببىي داشۆ قارىمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى دېيىلىدۇ)نىڭ رادىياتسىيەلىك داۋالاش بىناسىنىڭ 3 - قەۋىتىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش تەتقىقات ئورنى ئىشخانىسىدا، مۇخبىرلار بىر يېمەكلىك جازىسىغا مىنېرال سۇ، ئىچىملىك، تەييار چۆپ، پېچىنە - پىرەنىك قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ قويۇلغانلىقىنى كۆردى.

«بۇ يېمەكلىكلەرنى PCR تەجرىبىخانىسىدىكى تېببىي خادىملار ئۈچۈن تەييارلىغان.» ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى سۈن گاڭ مۇنداق دېدى: يۇقىرى سىجىللىقتىكى مەشغۇلات ئۇلارنىڭ جىسمانىي كۈچىنى بەك خورىتىدۇ، چىققاندىن كېيىن دەرھال قۇۋۋەت تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى گو فەن بىر بوتۇلكا مىنېرال سۇنى ئېلىپ بىر يۇتۇم ئىچتى، «ھېلىلا تەجرىبىخانىغا كىرىمەن، ئىچىدە ھاجەتخانىغا كىرىشكە بولمايدۇ، شۇڭا كۆپ ئىچىشكە جۈرئەت قىلالمايمەن.» گو فەن مۇنداق دېدى: «تەجرىبىخانىغا كىرگەندە، كۆپچىلىك خۇددى بەسلەشكەندەك ئىشلەپ كۆپرەك تەكشۈرۈشنى ئويلايدۇ. لېكىن، تەجرىبىخانىدىن چىقسىلا بويۇن ئومۇرتقىسى ۋە دۈمبىسى تېلىپ ئاغرىپ كېتىدۇ».

ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ما شيۇمىن مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە كۈندە تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى 24 سائەت توختىماي ئايلاندى، خىزمەت مىقدارى زور بولغاچقا، 12 ئۈسكۈنىنىڭ تۆتىدە كاشىلا كۆرۈلدى، لېكىن مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە، بىز تېببىي خىزمەتچىلەر چوقۇم كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئىش ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

«7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كەچتە، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئەترىتى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، دوختۇرخانىمىزدىكى خادىملار بىلەن بىۋاسىتە ئارىلاش تەشكىللىنىپ، دەرھال تەجرىبىخانىغا كىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى» دېدى شىنجاڭ تېببىي داشۆ قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا تېببىي تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ فېڭبو.

ئارىلاش تەشكىللەنگەن قوشۇن تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئاتلانغاندىن بۇيان، 24 سائەتتە تۆت ئىسمېنا نۆۋەتلىشىپ ئىشلەش يولغا قويۇلدى. «خىزمەت مىقدارى زور، ۋەزىپە ئېغىر، كۆپچىلىك ئىنتايىن جاپا چېكىۋاتىدۇ.» جاڭ فېڭبو مۇنداق دېدى: «بىر ئەترەت ئەزاسى دىمىق ئىسسىق مۇداپىئە كىيىمى كىيگەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى سىجىللىقتا خىزمەت قىلغاچقا، ئىش ئورنىدا ھوشىدىن كەتتى، لېكىن ئۇ ئازراق ئارام ئالغاندىن كېيىن يەنە دەرھال كېيىنكى نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى. ئەترەت ئەزالىرىنىڭ كەسىپنى قەدىرلەش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى