تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا: نۇرغۇن ئېغىر تىپتىكى ئاغرىق ئادەتتىكى تىپقا ئۆزگەردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز سۈن فاڭتىڭ، دۇۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 9- مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاراب بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى لۇ چېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇقۇمدا داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتقان ئاغرىق مىسالى ئالدىنقى مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، يېنىك ئاغرىق تىپى بىلەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆپرەك بولۇپ، كېسەل قوزغىلىش يېشىنىڭ ئوتتۇرا سانى بىرقەدەر ياش بولغان.

  لۇ چېن مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە، «ئىككىنى تۆۋەنلىتىش، ئىككىنى ئۆستۈرۈش» دوختۇرخانىلارنىڭ باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان نىشانى، يەنى يۇقۇملىنىش نىسبىتى ۋە كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، داۋالاپ ساقايتىش بىلەن داۋالاشنى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. دۆلەت داۋالاش-قۇتقۇرۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئېلان قىلغان 7-نۇسخىدىكى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى داۋالاش لايىھەسى»گە ئاساسەن، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەربچە داۋالاش بىرلەشتۈرۈلدى ۋە «بىر ئادەمگە بىر تەدبىر» قوللىنىلىپ، كۆپ پەنلەر ھەمكارلىقىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بېرىلدى. ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈش، يېنىك ئاغرىق تىپى، ئېغىر ئاغرىق تىپىنى تەڭ  قۇتقۇزۇش ۋە «تۆت بالدۇر» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئېغىر ئاغرىق ۋە خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىق مىسالىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش-داۋالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى داۋالاشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ يېنىك ئاغرىق تىپىغا بالدۇر ئارىلىشىش، بالدۇر داۋالاش ئېلىپ بېرىلىپ، يېنىك ئاغرىق تىپى ياكى ئادەتتىكى ئاغرىق تىپىنىڭ ئېغىر ئاغرىق تىپىغا ئۆزگىرىپ كېتىشى، ئېغىر ئاغرىق تىپىنىڭ خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىق تىپىغا ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، ھەقىقىي تۈردە داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلۈپ، كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى تۆۋەنلىتىلدى.

  يېنىك ئاغرىقلارغا قارىتا جۇڭيى تىبابىتى بىلەن غەرب تىبابىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئاغرىقتىن كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىللە، داۋالاشنى قوللاش، دائىملىق قان تەكشۈرۈش، دائىملىق سۈيدۈك تەكشۈرۈش، CRP، جىگەر ئېنزىمى، يۈرەك مۇسكۇل ئېنزىمى، بۆرەك ئىقتىدارى، قان ئۇيۇتۇش ئىقتىدارى، ئارتېرىيە قېنىنى ئانالىز قىلىش، كۆكرەك قىسمىنى سۈرەتكە ئېلىش ئىلمى قاتارلىق ھاياتلىق ئالامەتلىرىنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش كۈچەيتىلدى. ھەربىر ئاغرىقنىڭ كونكرېت ئالاھىدىلىكى ۋە ئەھۋالىغا ئاساسەن، بۇرۇن نەيچىسى، ئېغىزدىن ئوكسېگىن بېرىش، بۇرۇن ئارقىلىق يۇقىرى ئېقىملىق ئوكسىگېن بىلەن داۋالاش قاتارلىق داۋالاش تەدبىرلىرى قوللىنىلدى، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، ئاساسىي كېسەللىكلەر پائال داۋالىنىپ، ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدى ئېلىندى.

  ئېغىر ئاغرىق ياكى خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلارنى داۋالاشقا قارىتا، ئاغرىقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، a-ئىنتېرفېرون، لوپىناۋى، لىتوناۋى، لىباۋېللىننى يەككە ياكى بىللە ئىشلىتىش قاتارلىق ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش، ئوكسىگېن بىلەن داۋالاش، بۇرۇن ئارقىلىق يۇقىرى ئېقىملىق ئوكسىگېن بىلەن داۋالاش، جاراھەتسىز مېخانىكىلىق ھاۋا ئالماشتۇرۇش، جاراھەتلىك مېخانىكىلىق ھاۋا ئالماشتۇرۇش ياكى تەن سىرتىدىكى پەردىدىن ئۆپكىگە ئوكسىگېن بېرىش (EOMO) قاتارلىق كۆپ پەنلىك ئۇنىۋېرسال داۋالاش ۋاسىتىلىرى يادرو قىلىندى، بۇ نەپەسلىنىشكە ياردەم بېرىش، ئايلىنىشنى قوللاش، بۆرەكنى ئالماشتۇرۇپ داۋالاش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال داۋالاش تەدبىرى ياكى ۋاسىتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  لۇ چېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە دوختۇرخانىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى پائال ئۈنۈملۈك داۋالىشى ئارقىلىق، نۇرغۇن ئېغىر ئاغرىق تىپى ئادەتتىكى ئاغرىق تىپىغا ئۆزگەردى. مەسىلەن: 7-ئاينىڭ 18-كۈنى قوبۇل قىلىنغان بىر ئاغرىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلۇپ (ئېغىر ئاغرىق تىپى)، دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ پائال قۇتقۇزۇشى-داۋالىشى بىلەن، دوختۇرخانىدا سەككىز كۈن يېتىپ، ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋلىدا روشەن ياخشىلىنىش بولدى، 7-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېغىر ئاغرىق تىپىدىن يېنىك ئاغرىق تىپىغا ئۆزگەردى. يەنە بىر ئاغرىق، 7-ئاينىڭ 19-كۈنى، دوختۇرخانىغا كىرگەندە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان (ئېغىر ئاغرىق تىپى)، ئاغرىقنىڭ ئەسلىدە بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىمى، Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلىمۇ بار ئىدى، دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ پائال قۇتقۇزۇشى-داۋالىشى بىلەن، يەتتە كۈن قۇتقۇزۇش-داۋالاش ئارقىلىق، كېسەللىك ئەھۋالى روشەن ياخشىلاندى، 7-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئېغىر ئاغرىق تىپىدىن ئادەتتىكى ئاغرىق تىپىغا ئۆزگەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ