تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

210 مىڭ پىدائىي ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پىدائىيلار ھەرىكىتىگە قاتناشتى

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز سۈن فاڭتىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن خەۋىرى، فوتوسى): يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش داۋامىدا، كەڭ پىدائىيلار تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ قالدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 210 مىڭ پىدائىي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان.

    7-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 17:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 10-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى جوۋ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى(شەھەرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى) 210 مىڭ پىدائىينى تېزدىن <مۇھەببەت يەتكۈزۈلمەكتە> يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پىدائىيلار ھەرىكىتىگە ئاتلىنىشقا تەشكىللىدى ۋە سەپەرۋەر قىلىدى، 3 مىليون 700 مىڭ ئادەم(قېتىم) پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى، مۇلازىمەت ۋاقتى جەمئىي 1 مىليون 900 مىڭ سائەتكە يەتتى». 

  جوۋ يۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم پارتىيە ئەزالىرى، ياشلار، ئورگان كادىرلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى قاتارلىق پىدائىيلارنىڭ كۈچى پائال قوزغىتىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەشۋىقاتى، پىسخىكا يېتەكچىلىكى، خەلققە قۇلايلىق مۇلازىمەت قاتارلىق توققۇز چوڭ تۈر بويىچە 2000دىن ئارتۇق پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، <شەھەر، رايون[ناھىيە]، يېزا-بازار(كوچا)، مەھەللە[كەنت]>تىن ئىبارەت تۆت دەرىجە بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى ھەركۈنى دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، بۆلەكلەر بويىچە بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش كۈچەيتىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پىدائىيلار مۇلازىمەت تورى بەرپا قىلىندى».

  جوۋ يۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىدە، ئاساسلىقى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئاھالىلەرنىڭ ھويلىسىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، خەلققە قۇلايلىق يارىتىپ تۇرمۇش ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى قانات يايدۇرۇلدى؛ ئايرودۇرۇم، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ۋوگزالى قاتارلىق قاتناش تۈگۈنلىرىدە تەرتىپنى ساقلاش، سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تىزىملاش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى قانات يايدۇرۇلدى».

    بۇنىڭدىن باشقا، يەنە «ئىللىقلىق ھەمراھ مۇھەببەت توردا» يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پىسخىكىلىق ياردەم مۇلازىمەت پائالىيىتى داۋاملىق قانات يايدۇرۇلۇپ، 600 كەسپىي مەسلىھەتچى تەشكىللىنىپ، 12 پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش قىزىق لىنىيە تېلېفونى ئېچىلىپ، ئاغرىقلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلار، جەمئىيەتتىكى ئامما قاتارلىقلار توردا پۈتۈن كۈن ھەقسىز پىسخىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش يولى ئېچىلدى. ھازىرغا قەدەر، پىدائىيلار قىزىق لىنىيە تېلېفونى ۋە ۋېيشىنى ئارقىلىق 77 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىلدى، تور ئاممىۋى پاراۋانلىق دەرسخانىسى، پىسخىكا پېنىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىن كۆرۈنۈشى، پىسخىكىلىق سۇئال-جاۋاب قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدە، مەسلىھەت سورىغۇچىلارغا 10 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق مۇلازىمەت قىلىندى.

  جوۋ يۇڭ مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپى ۋە پىدائىيلار ئىش ئورنى ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پىدائىيلار تۈركۈم بويىچە ماسكا، پەلەي، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، بىر قېتىملىق مۇداپىئە كىيىمى، مۇداپىئە كۆزئەينىكى، ئاياغ قاپلىغۇچ قاتارلىق مۇداپىئە ئەسۋابلىرى بىلەن تەمىنلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى تولۇق سەپلەپ بېرىلدى ھەمدە «بىخەتەرلىك بىرىنچى» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، پىدائىيلارنىڭ بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتى ۋە ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىلىپ، پىدائىيلارنىڭ شەخسىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى».

  «كېيىنكى قەدەمدە، تېخىمۇ كۆپ پىدائىينى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇلازىمىتىگە قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز» دېدى جوۋ يۇڭ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ