تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئىككىنچى يۇرتۇم»غا يەنە بىر قېتىم كەلدىم، ۋەزىپىنى چوقۇم تولۇق ئورۇندايمەن

   تىيانشان تورى خەۋىرى(گو لىڭ خەۋىرى): شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسىدىكى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش ئەترىتىدە، ئىلگىرى بىر يىل شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كېلىپ، بۈگۈنكى كۈندە يەنە كەلگەن ئايال ئەترەت باشلىقىمۇ، توي ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغان تەكشۈرۈش قابىللىرىمۇ، يەنە خۇبېيغا ياردەمگە بېرىپ قايتىپ كېلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن پەرىشتىلەرمۇ بار.

   7-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 10:00دا، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ مولېكۇلا بىيولوگىيەسى تەجرىبىخانىسى ئالدىغا كەلدى، كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلىگەن تەكشۈرۈش ئەترىتى ئەزالىرى تازىلاش رايونىدىن ئەمدىلا چىققان بولۇپ، ئىسمېنا ئالمىشىدىغان خادىملار تەجرىبىخانىدا ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.

   لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش ئەترىتى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەر سائەت 1:45تە بەش يۈرۈش تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ۋە ئەسۋابى ھەمدە 20 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش سىناق دورىسىنى ئېلىپ ئۈرۈمچى شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. تەكشۈرۈش ئەترىتى جۇڭگو تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى شېڭجىڭ دوختۇرخانىسى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ 20 نەپەر قابىل خادىمىدىن تەركىب تاپقان، ھەممىسى PCR سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان، نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇرالايدىغان تەكشۈرۈش كەسپىي تايانچلىرى بولۇپ، نوكلېئىك كىسلاتاسى ئېلىش، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى كېڭەيتىش تېخنىكىسى ۋە ئاساسىي مۇداپىئە ماھارىتىنى پىششىق ئىگىلىگەن.

   لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋۇ لىنانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 7-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچتە ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، دوختۇرخانا تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ ۋېيشىن توپىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش چاقىرىقى چىقىرىپ ئارىدىن 52 مىنۇت ئۆتمەيلا، تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرى ئېكراننى قاپلىغان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەترىتى تېزلا يىغىلىپ بولغان.

   ئۇلار يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئەسۋابلارنى قۇراشتۇرۇپ تەڭشەپ، تەرتىپنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئالدىن تەجرىبە قىلغاندىن كېيىن، نوكئېلىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى، 20 ئەزا تۆت ئىسمېنىدا بەش ئادەم بىر گۇرۇپپا بويىچە ئالتە سائەتتە بىر ئالماشتى، ھەربىر ئىسمېنادا ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ بىردىن ئىككىگىچە تەكشۈرۈش خادىمى قوشۇلدى.

   ۋۇ لىنا مۇنداق دېدى: «مەن 2018-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ تارباغاتايغا بېرىپ شۇ جاينىڭ داۋالاش خىزمىتىگە ياردەم بەرگەن، شۇ يىلىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىشلەردىن كېيىن مەن شىنجاڭنى ئىككىنچى يۇرتۇم دەپ قارىدىم، شۇڭا، بۇ قېتىمقى ۋەزىپىدىن تېخىمۇ باش تارتمىدىم. مېنىڭ شىنجاڭغا بولغان مۇھەببىتىم ناھايىتى چوڭقۇر، بۇ قېتىمقى ياردەمدە بىز چوقۇم تولۇق، ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز. ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ قاتتىق دېتالى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، تېخنىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن، بۇ قېتىمقى ياردەم ئارقىلىق، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئالاقە ئورنىتىمەن».

   لياۋنىڭ ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى تەكشۈرۈش مېدىتسىناسى بۆلۈمىدىن كەلگەن چۈ بو ئىلگىرى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خۇبېيغا بېرىپ، شياڭياڭغا ياردەم بەرگەنىكەن. 2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە بولغان بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، ئۇ «سەپداش»لىرى بىلەن شياڭياڭ شەھەرلىك ئاممىۋى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش مەركىزىدە 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق نوكلېئىك كىسلاتاسى ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرگەن. شېنياڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە ئارقا-ئارقىدىن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى باشقا تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشقان. بۈگۈنكى كۈندە چۈ بو يەنە ئىككىلەنمەستىن تىزىملىتىپ شىنجاڭغا كەلدى.

   31 ياشلىق ۋاڭ پېڭپېڭ جۇڭگو تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى شېڭجىڭ دوختۇرخانىسى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل تېخنىكى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ ئۆزى بىلەن بىر كەسىپتىكى تېببىي خىزمەتچى قىز دوستى بىلەن توي قىلىش ۋاقتىنى كەينىگە سۈردى. «ئەسلىدە مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدا تويلۇق سۈرەتكە چۈشۈشنى بېكىتكەن، نەتىجىدە تۇيۇقسىز شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، سۈرەتكە چۈشۈش، توي قىلىشنى كەينىگە سۈرىدىغان بولدۇم. ھېلىمۇ ياخشى، ئائىلەمدىكىلەر مېنىڭ خىزمىتىمنى قوللىدى، توغرا چۈشەندى. مەن ۋە سەپداشلىرىم يېتەرلىك تەييارلىق قىلىپ قويدۇق، ئۆزىمىزنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدە توپلىغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىمىز ئارقىلىق، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمىز» دېدى ۋاڭ پېڭپېڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى