تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن ئارخىپ چىقىرىش كونترول نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ خەۋىرى): 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭدا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلان سانى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى، قۇبۇل قىلىشتىكى ئارخىپ چىقىرىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ 2020-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشتىكى ھەرقايسى تۈركۈملەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئارخىپ چىقىرىش كونترول نومۇر چېكىنى قاراپ چىقىپ بېكىتتى ھەم رەسمىي ئېلان قىلدى(تۆۋەندىكى جەدۋەلگە قاراڭ).

مەنبە: «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2020-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھەرقايسى تۈركۈملىرىدە داۋاملىق توردا قوبۇل قىلىش يولغا قويۇلۇپ، 8-ئاينىڭ 10-كۈنى رەسمىي باشلىنىپ، تەخمىنەن 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. ھەرقايسى تۈركۈملەردە پىلان ئورۇندالمىسا داۋاملىق «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» ھۆكۈمەت تەرەپ تور بېكىتى ئارقىلىق ئارزۇ قوبۇل قىلىنىدىكەن، جەمئىي بەش قېتىم توردا ئارزۇ قوبۇل قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. يېقىندا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرۇش ۋاقتى ھەم ھەرقايسى تۈركۈملەردىكى پىلان ئورۇندالمىغانلىرىغا ئارزۇ قوبۇل قىلىش ۋاقتى ئېلان قىلىنىدىكەن، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەم ئائىلە باشلىقلىرى «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» (http://www.xjzk.gov.cn)، «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ھۆكۈمەت تەرەپ ۋېيشىنىدا ئېلان قىلىنغان قوبۇل قىلىش جەريانى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە خىزمەت ئەھۋالى قاتارلىق ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئارزۇ قوبۇل قىلىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنى ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەم ئائىلە باشلىقلىرىغا شۇنى ئەسكەرتىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىلقى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تولۇق كۇرس ئالدىنقى تۈركۈمىنىڭ توردا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 18:00دە ئاخىرلىشىدۇ، باشقا تۈركۈمنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 18:00دە ئاخىرلىشىدۇ، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەم ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى، رەت تەرتىپى، ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئارخىپ چىقىرىش نومۇر چېكى، تەڭ دەرىجىلىك ئارزۇ بويىچە ئارخىپ چىقىرىش قائىدىسى قاتارلىق كۆپ جەھەتتىكى ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، ئوبيېكتىپ، ئاقىلانە ھالدا ئارزۇ تولدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا ئارزۇنى ئۆزگەرتىشتىن ساقلىنىپ، تور قىستاڭچىلىقى ياكى جىددىيلىشىپ ئالاقزادە بولۇش سەۋەبىدىن ئارزۇغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنىڭ توغرىلىقىغا تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى