تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىنجاڭ ھەرقايسى تەرەپتىكى كۈچلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاشتىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنى قۇرۇپ چىقتى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز سۈن فاڭتىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن توڭيۈەن، جانات تولقىن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 17دە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 9-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاشتىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى لۇ چېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە قىلىپ، تېزلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش-داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىغان.

  بىرىنچىدىن، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاشتىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانا قۇرۇپ چىقىلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش-داۋالاشنىڭ كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى ھەرقايسى تەرەپتىكى كۈچلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق 6-خەلق دوختۇرخانىسى ئاساسىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاشتىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنى قۇرۇپ، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپى تەشكىللەپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقنى تەڭشەپ يۆتكەپ، دىياگنوز قويۇش-داۋالاش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىياگنوز قويۇش-داۋالاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى.

  ئىككىنچىدىن، مۇتەخەسسىسلەر دىياگنوز قويۇش مېخانىزمى ئورنىتىلدى. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى بىرىنچى ۋاقىتتا بېيجىڭ، شاڭخەي، سىچۇەن، جياڭسۇ، خۇبېي قاتارلىق قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەردىكى دۆلەت ئىچى ئىلغار سەۋىيەگە ئىگە، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ئەمەلىي جېڭىدە مول تەجرىبىسى بولغان مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى ئاجرىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بېكىتىلگەن قۇتقۇزۇش-داۋالاش دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىگە ياردەم بەردى، يېتەكچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايون يەنە نەپەسلىنىش، ئېغىر كېسەل، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىش، پەرۋىش قىلىش، كىلىنىكا، پىسخىكا، تەكشۈرۈش، رېنتىگېنلىق تەكشۈرۈش قاتارلىق كەسىپلەردىكى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، سەپلەپ، دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، مۇتەخەسسىسلەر دىياگنوز قويۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى جىددىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى.

  ئۈچىنچىدىن، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقى بىرتۇتاش پىلانلاندى. ئاپتونوم رايون 14 داۋالاش ئاپپاراتىدىكى 17 داۋالاش قوشۇنىنى يۆتكەپ توپلاپ، دوختۇرخانا بۆلۈمنى ھۆددىگە ئېلىش شەكلىنى قوللىنىپ، ھەرقايسى داۋالاش ئەترەتلىرى ھەرقايسى دوختۇرخانا رايونىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش-داۋلاش خىزمىتىگە نۇقتىدىن نۇقتىغا مەسئۇل بولدى. نۆۋەتتە، ئاجرىتىلغان قاراماي شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى قاتارلىق ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ پەرۋىش خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن پەرۋىش قىلىش بويىچە ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئىش ئورنىغا بېرىپ، دوختۇرخانا رايونىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى پەرۋىش قىلىش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولدى.

  تۆتىنچىدىن، دوختۇرخانا ئورۇنلاشتۇرۇشى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، داۋالاش ئۈسكۈنىلەرنىڭ ياخشىلىرى سەپلەندى. يۇقۇمنىڭ يامراش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، دوختۇرخانىغا قىسمەن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىپ، ئادەتتىكى كارىۋات ۋە ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش-پەرۋىش قىلىش كارىۋىتى كۆپەيتىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە تۈرلۈك ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىدىن 100 (يۈرۈش)دىن ئارتۇقى يۆتكەپ توپلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە، ECMOدىن تۆتى، 50 جاراھەتلەندۈرۈپ نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى، 45 جاراھەتلەندۈرمەي نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى، توققۇز CRRT ماشىنىسى بولۇپ، تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

  لۇ چېن مۇنداق دېدى: «ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاشتىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز بارلىق بايلىقنى تەڭشەپ يۆتكەپ، بارلىق كۈچلەرنى ئىشقا سېلىپ، يەنىمۇ مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ئاكتىپ تۆھپە قوشىمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ