تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

جاڭ ۋېي: ئۆز مۇداپىئە ۋە ئائىلە باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلىگەندە، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپ-خەتىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز يۈ جياڭيەن، دوۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن، يىن تۇڭيۈەن خەۋىرى، فوتوسى): ئائىلە ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشتىكى مۇھىم ھالقا. 7-ئاينىڭ 25-كۈنى، چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى 8- مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاراب بەردى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە ئائىلە تازىلىقى، دېزىنفېكسىيەلەش، تازىلاش قاتارلىق مۇداپىئە خىزمەتلىرىنى قانداق ياخشى ئىشلەش كېرەكلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

  جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ سىرتقا تارقىلىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتتىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللاندى، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى ئۆيىدە ساغلام روھىي ھالەتنى ساقلاپ، مۇداپىئە ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئائىلە مۇداپىئەسىنى پائال ياخشى ئىشلىدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ياز پەسلىدە ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، دېرىزىنى كۆپرەك ئېچىپ، پات-پات ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئۆينى پاكىز تۇتۇش، بولۇپمۇ تازىلىق ئۆيى، پاكىز تازىلاش بىلەن بىرگە يەنە قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىپ، ۋىرۇسنىڭ ئائېروزول ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئائىلىدە تارقىلىشنى پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  پات-پات قولنى يۇيۇپ تۇرۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، ئىشىكتىن كىرگەن ھامان ئالدى بىلەن قولنى يۇيىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. چۈشكۈرگەندە، يۆتەلگەندە قەغەز بىلەن ئېغىز-بۇرۇننى ئېتىۋېلىش كېرەك. جان سانى كۆپ ئائىلىلەردە، ئائىلە ئەزالىرى ئۆزئارا بەلگىلىك بىخەتەر ئارىلىق ساقلىشى، تاماق يېگەندە ئاممىۋى چوكا، قوشۇق ئىشلىتىشى، ۋاقىتقا بۆلۈپ غىزالىنىشى كېرەك. ئارام ئېلىش ۋاقتىدىمۇ توپلىشىۋالماي، مېھمانخانا قاتارلىق ئۆيلەردىن پايدىلىنىپ، ئايرىلىپ تۇرۇش كېرەك.  ئەگەر ئائىلە ئەزالىرىدا قىزىش، يۆتىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، يۆتكەشنى كۈتۈش مەزگىلىدە، نىسبەتەن يېپىق بوشلۇقنى تېپىپ ئايرىۋېتىش كېرەك، ھەر بىر ئائىلە ئەزاسى ماسكىنى ئۆلچەملىك تاقاپ، بىخەتەر ئارىلىق ساقلىشى كېرەك.

  ئىدارىدە ئىشلەۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرىمۇ ئىشخانىنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىشى، ئەگەر ئىدارىدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچلەر يېڭى شامال يەتكۈزۈش ئىقتىدارى بولمىغان مەركىزىي ھاۋا تەڭشىگۈچ بولسا، ئۇنى ئىشلەتمەي، ئەڭ ياخشىسى ئىقتىدارى ئايرىۋېتىلگەن ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلىتىشى كېرەك. ئىدارىدە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، ھەر كۈنى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش، ئادەتتىمۇ ماسكىنى ئۆلچەملىك تاقاش، قولنى پات-پات يۇيۇش، ئالاقە قىلغاندا بەلگىلىك ئارىلىق ساقلاش كېرەك. ئىدارىنىڭ ئاشخانىسى ۋاقىتقا بۆلۈپ تاماققا ئورۇنلاشتۇرۇشى، تاماقنى ياخشىسى خىزمەتچى-خادىملار ئۆزلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش نۇقتىلىرىغا ئېلىپ كېلىپ غىزالانسا مۇۋاپىق بولىدۇ. لىفىت، تۇتقۇچ، ئىش ئۈستىلى قاتارلىقلارنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك، ئەگەر خىزمەتچى خادىملاردا قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال تەۋەلىكىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ يۆتكەش كېرەك.

  جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: يۇقۇم ئالدىدا، ئەگەر ھەر بىر ئادەم ئۆزىدىن باشلاپ مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىسە، ھەر بىر ئائىلە ئائىلە ئەزاسىدىن باشلاپ ئائىلە باشقۇرۇشىنى ياخشى ئىشلىسە، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپ-خەتىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى