تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ، زىيادە تەشۋىشلىنىش، قارىغۇلارچە ساراسىمىگە چۈشۈشنىڭ ھاجىتى يوق»

   تىيانشان تورى خەۋىرى(سۈن فاڭتىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 17:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 9-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

   ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش بويىچە بېكىتلگەن دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى گۇەن ۋېنلۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىق مىساللىرىنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش تەجرىبىسىدىن قارىغاندا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنىڭ پىسخىكىسى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرايدىكەن. شۇڭا، بىمارلارنى داۋالاش-قۇتقۇزۇشتىن باشقا، پىسخىكا جەھەتتىن ئارىلىشىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

   گۇەن ۋېنلۇڭ مۇنداق دېدى: «ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا ئاغرىقلارنىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا مۇنەۋۋەر پىسخىكا دوختۇرلىرىنى يىغىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئامالنىڭ بېرىچە بالدۇر پىسخىكىلىق باھالىدى ۋە ئۇنىڭغا ئارىلاشتى. پىسخىكا دوختۇرلىرى كەسپىي نۇقتىدىن ئاغرىقلارغا ئۆز كېسىلىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئۇقتۇردى ھەمدە ئۇلارنى مۇناسىپ ساغلاملىق تەربىيەسى بىلەن تەمىنلەپ، ئۆزىنى پىسخىكىلىق باھالاش ۋە جىددىيلىكنى پەسەيتىش مەشىقى قانات يايدۇرۇشقا ياردەم بەردى، ئاغرىقنىڭ ئۆزىنى باسالماسلىق، تىت-تىت بولۇش كەيپىياتىنى پەسەيتىپ، ئاغرىقنى ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاقىلانە، ئىلمىي مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېببىي خادىملارمۇ ئىنچىكىلىك، سەۋرچانلىق بىلەن ھالىدىن خەۋەر ئالدى ھەمدە قەرەللىك ھالدا تېلېفون، سىن قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاغرىقنى ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى. يۇقىرىدا دېيىلگەن پىسخىكىلىق ئارىلىشىش مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئاغرىقلارنىڭ جىددىي كەيپىياتىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، پىسخىك بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، داۋالاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق».

    گۇەن ۋېنلۇڭ كەڭ ئاممىنى مۇنداق ئەسكەرتتى: «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە ئۇنى داۋالىغىلى بولىدۇ، زىيادە تەشۋىشلىنىش ۋە قارىغۇلارچە ساراسىمىگە چۈشۈشنىڭ ھاجىتى يوق، نورمال تۇرمۇش قانۇنىيىتىنى ساقلاپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ماسلىشىش، شەخسىي قوغدىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. تەرتىپلىك، قانۇنىيەتلىك غىزالىنىپ، تەڭپۇڭ ئۇزۇقلىنىپ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، بەدەن ئورگانىزمىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى