تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا نوكلېئىك كىسلاتاسى ئىككىنچى قېتىم ھەقسىز تەكشۈرۈلىدۇ

   تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز سۈن فاڭتىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن توڭيۈەن، جانات تولقىن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 17:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 9-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

   يىغىندا مۇنۇلار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى: 7-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 22(بۇنىڭ ئىچىدە بەشى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن)سى، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 38ى بار. 7-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 135سى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 147سى بار.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېينىڭ ئېيتىشىچە، 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارمۇ ئاساسەن پۈتۈن شەھەر بويىچە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلغاپ چىقىلغان.

    جاڭ ۋېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر پۈتۈن شەھەر بويىچە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى كۆپ قىسىم رايون(ناھىيە)لاردا ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان بولۇپ، گوۋۇيۈەن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايون، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ھەم تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باھالاۋېتىپتۇ.

    جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىچىدىكى باشقا رايونلارنىڭ تەجرىبىسىدىن قارىغاندا، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، تەكشۈرۈپ-ئۆلچەش سىناق دورىسىنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسى، تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ يۇقۇملانغان ۋاقتى ۋە زەھەر تازىلاش ۋاقتى، ئەۋرىشكە ماتېرىيالى ئالغاندا تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ ماسلىشىش ئەھۋالى(ماسلىشىش دەرىجىسى ناچار بولسا، ئەۋرىشكە جايىدا ئېلىنماسلىقى مۇمكىن) ھەمدە تەكشۈرۈش مۇھىتى، تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ مەشغۇلاتقا پىششىق بولۇش دەرىجىسى قاتارلىقلار. ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتىمۇ ساختا مەنپىي نەتىجە كۆرۈلىدۇ. ساختا مەنپىي دېگىنىمىز، تەكشۈرۈلگۈچى ھەقىقەتەن يۇقۇملانغۇچى بولسىمۇ، لېكىن نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مەنپىي چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى، گۇمانىي ئاغرىق مىسالى بىلەن قويۇق ئۇچراشقانلار ئادەتتە ئىككى قېتىملىق نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشىدىن كېيىن ئاندىن ئىلغاپ ئايرىلىدۇ. يۇقۇم خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى ئوتتۇراھال، ئېغىر رايونلارغا بارغان كىشىلەردە، ئەگەر قىزىش ۋە نەپەس يولى كېسەللىكى ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بىر قېتىملىق نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشىدىكى مەنپىيلىكتە ساختا مەنپىي ئېھتىماللىق مەۋجۇت بولىدۇ، شۇڭا ئىككى قېتىم نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ئىلغاپ ئايرىغىلى بولىدۇ.

    جاڭ ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: «يۇقىرىقى ئەھۋاللار كۆزدە تۇتۇلۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقى ئۈچۈن، 7-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا 2-قېتىم ھەقسىز نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «چۈشۈپ قالغانلارنى تولۇقلاپ تەكشۈرۈش» قانات يايدۇرۇلىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئاكتىپ ماسلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى