تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە 100 توننا مېھىر-شەپقەت كۆكتىتى تۆۋەن كاپالەت ئاھالىلىرى ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن فوتوسى، خەۋىرى) «ياخشى بالام، سىلەرگە كۆپ رەھمەت!» 7-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 13:00 ئەتراپىدا، خالىدە جېلىل ئۈچ خالتا كۆكتاتنى جاۋ مېڭيۈنگە يەتكۈزۈپ بەردى، جاۋ مېڭيۈن بۇنىڭدىن ناھايىتى مىننەتدار بولۇپ، ئارقا-ئارقىدىن رەھمەت ئېيتتى، «بۇنچە كۆپ كۆكتات ماڭا 10 كۈن يېتىدۇ».

  خالىدە جېلىل ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ياڭزىجياڭ يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ياڭزىجياڭ مەھەللىسىنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى كادىرى، جاۋ مېڭيۈن مەھەللە تۆۋەن كاپالەت ئاھالىسى بولۇپ، بۇ يىل 86 ياشقا كىردى.

  7-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى(ئاشلىق ئىدارىسى) بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى 100 توننا كۆكتات تەييارلاپ، شەھەر، يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى ۋە تارقاق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار بېقىش ئوبيېكتلىرىغا ھەقسىز تارقىتىپ بەردى. جاۋ مېڭيۈن شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى(ئاشلىق ئىدارىسى) شەھەرلىك سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لەن بىن مۇنداق دېدى: «بۇ كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسىنى شىنليەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرى ئەتراپتىكى كۆكتات يىغىش بازىسىدىن كېچىلەپ يۆتكەپ كەلگەن بولۇپ، ياڭيو، لوبو، بەسەي، ليەنخۇابەي، پىياز، چەيزە، خاڭگا، جاڭدو، لازا، سىگۇا، شوخلا قاتارلىق 11 خىل كۆكتات بار. ھەرقايسى رايون، ناھىيەدىكى مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلار تۆۋەن كاپالەت ئاھالىلىرى ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرگە ئاپىرىپ بەردى، ھەربىر ئادەمگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن سەككىز كىلوگرام كۆكتات تەقسىم قىلىندى.

  «بۇ كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسىنى بىز سەھەردە كورلا شەھىرى، ماناس ناھىيەسى، سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى، ئەنەنچۈي بازىرىدىن تەشكىللىدۇق، بازارغا ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، يەنە دەرھال دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنى تەكشۈردۇق، بۇلار پۈتۈنلەي يېڭى، ئىشەنچىلىك كۆكتاتلار» دېدى شىنليەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرىنىڭ باش دىرېكتورى چياۋ چاڭفېڭ.

  7-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 13:00تە، سايباغ رايونىدىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئاجراتقان مەھەللە بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدىكى ماددىي ئەشيا تەمىنات كاپالىتى مەخسۇس ئاپتوموبىلى لىق بىر ئاپتوموبىل مېھىر-شەپقەت كۆكتىتىنى ياڭزىجياڭ يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىغا ئاپىرىپ بەردى، 12 نەپەر مەھەللە خىزمەتچىسى باشقۇرۇش كومىتېتىغا كېلىپ كۆكتات تەقسىملىدى، ئاندىن كۆكتاتلارنى بىر-بىرلەپ ئاھالىلەرگە يەتكۈزدى. «ئاھالىلەرگە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك» دېدى ياڭزىجياڭ يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ ۋېنخۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ