تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز يۈ جياڭيەن، دوۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن، يىن توڭيۈەن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 8-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاراب بەردى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ جىڭچۇن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەر بىر كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، پۈتۈن شەھەردىكى كۆپ ساندىكى شەھەر ئاھالىسى قانۇن، نىزام ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە پائال ماسلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ۋە قۇربانلىقلارنى بەردى. ئەمما قىسمەن شەھەر ئاھالىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە رىئايە قىلمىدى، مەسىلەن: ئولتۇراق رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلماي، خالىغانچە كىرىپ-چىقىش، ھەتتا ئۆيمۇئۆي كىرىپ يىغىلىپ تاماق يېيىش، يىغىلىش قىلىش؛ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشكە ماسلاشماسلىق، خىزمەتچىلەرنى ھاقارەتلەش؛ ئاممىۋى سورۇنلاردا ماسكا تاقىماسلىق؛ مەركەزلىك ياكى ئۆيىدە ئايرىۋېتىلگەن مەزگىلدە قىزىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ۋاقتىدا مەلۇم قىلماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلدى، بۇنداق قىلمىشلارنى سادىر قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى ئۈچ خىل قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ:
ئالدى بىلەن، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى. ئەگەر بۇ قىلمىشلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇشى، تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ۋەھىمە پەيدا قىلسا، باشقىلارغا جىسمانىي، مال-مۈلۈك جەھەتتە زىيان يەتكۈزسە، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىنغۇچى سەۋەنلىك ئۆتكۈزگۈچىدىن ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.
ئىككىنچىدىن، مەمۇرىي مەسئۇلىيەت. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدىكى جىددىي ئەھۋالدا قانۇن بويىچە ئېلان قىلغان قارار، بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلارغا «ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى»نىڭ 50-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا 5 كۈندىن يۇقىرى 10 كۈندىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى. ئەگەر يۇقىرىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ يۇقۇشىغا سەۋەب بولسا ياكى تارقىتىش ئېغىر خەۋپى بار بولسا، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئۇنى داۋالاشقا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاشقا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى بويىچە، 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئىنتايىن ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئەگەر بەزىلەر يۇقۇم مەزگىلىدە پىتنە-ئىغۋا ئويدۇرۇپ چىقارسىمۇ، پىتنە-ئىغۋا تارقاتسىمۇ قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، پىتنە-ئىغۋا تارقاتسا، خەتەرلىك ئەھۋال، يۇقۇم ئەھۋالى، ھادىسىلەرنى يالغاندىن دوكلات قىلسا ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئاممىۋى تەرتىپنى قەستەن قالايمىقانلاشتۇرسا، «ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى»نىڭ 25-ماددىسىغا ئاساسەن، 5 كۈندىن يۇقىرى 10 كۈندىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ. قىلمىشى يېنىكرەكلىرى 5 كۈندىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. پىتنە-ئىغۋاغا ئىشىنىپ ئۇنى تارقاتقان، ئاممىۋى تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇشقا چېتىلىپلا قالماي، قىلمىشى ئېغىرلار يەنە جىنايى جازاغا چېتىلىشى مۇمكىن.
جاڭ جىڭچۇن مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش خىزمىتى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق قاتنىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، پەقەت شەخسلەر قانۇنىي مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلغاندىلا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.