تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر سو رۇڭجى): 7-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ، ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان، ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغان يولۇچىلار، دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيىگە قايتىدىغانلارنىڭ شەھەر ئىچىدە سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى بارلار تۆۋەندىكى بۇ ئۈچ تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون قىلىپ تاكسىلار بىلەن ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ: 4180657، 4169105، 4157183-0991. نازارەت قىلىش تېلېفونى 3879999-0991. ئالدىن كېلىشىشتە تېلېفوننى ئاز دېگەندە ئىككى سائەت بالدۇر ئۇرۇش كېرەك.
7-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان، ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغان يولۇچىلار، دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيىگە قايتىدىغانلارنىڭ ۋاقتىدا تاكسىغا ئولتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالدىن كېلىشىش مۇلازىمىتىدە ئاز دېگەندە ئىككى سائەت بۇرۇن ئالدىن كېلىشىش كېرەك ئىكەن. شۇنىڭدەك يولۇچىلار توغرا ئىسىم-فامىلىسى، ئالاقىلىشىش تېلېفونى، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرىدىغان ئورۇن ۋە بارىدىغان مەنزىل، ئالدىن كېلىشىپ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش ۋاقتى ۋە يولۇچىلارنىڭ سانى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەمىنلىشى ھەم ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندا يەتتە كۈن ئىچىدىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك ئىكەن، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى بولمىغانلارنىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇشى رەت قىلىنىدىكەن.
يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تاكسى شوپۇرلىرى يولۇچىلار ئاپتوموبىلغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئاپتوموبىلدىن چۈشكەندىن كېيىن، تاكسىنى ھەر تەرەپلىمە دېزىنفېكسىيە قىلىپ، ئاپتوموبىل ئەينەكلىرىنى چۈشۈرۈپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى يولۇچىلارغا ئاپتوموبىلغا چىققاندا، پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاپ، ئاپتوموبىل ئەينىكىنى چۈشۈرۈپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇش؛ چۈشكۈرگەندە ياكى يۆتەلگەندە، قەغەز بىلەن ئېغىز-بۇرۇننى توسۇۋېلىش ياكى جەينەك بىلەن توسۇش كېرەكلىكىنى، تاكسىدىن چۈشكەندىن كېيىن، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن قول يۇيۇش ياكى يۇيۇۋېتىش ھاجەتسىز قول تازىلاش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىشنى ئەستە چىڭ تۇتۇشنى، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئىسپىرتلىق پاختا ياپراقچىسى قاتارلىقلار بىلەن يۈك-تاقنىڭ يۈزىنى سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدە 1100دىن ئارتۇق تاكسى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش كاپالىتى ئاپتوموبىل مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، ئايرودۇرۇم، ۋوگزال، مېھمانخانا، مەھەللە قاتارلىق جايلاردا يولۇچىلار ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.