تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

مەن كىچىك ھارۋىدا مال يەتكۈزىمەن

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ ۋەندې، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ شياۋفەن خەۋىرى، فوتوسى): «تاغا، بۇ سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىكىلەر ئالغان خاڭگا بىلەن سۈت پاراشوكى!»، «ھەدە، بۇ سىز ئالغان ئۇن! يەنە بۇ سىز ئالغان دورا!» بۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)نىڭ جوڭۋەن كوچىسى جەنۇبىي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىدىكى ئەڭ دائىملىق كۆرۈنۈشلەر، خىزمەتچى خادىملار كۈندە ئوخشىمىغان تىپتىكى قولدا ئىتتىرىش ھارۋىسى ۋە قولدا سۆرەش ھارۋىسىدا سەي دۇكانلىرى، دۇكانلاردىن سېتىۋالغان بەش توننا ئەتراپىدىكى كۆكتات، يېمەكلىك، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)نىڭ جوڭۋەن كوچىسى جەنۇبىي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جاڭ شياۋفەننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ تۇرۇشلۇق مەھەللىدە جەمئىي 4200 ئاھالە باركەن، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرىنى قوشقاندا ئاران 40 نەچچە كىشى بولۇپ، نىسبىتى  100:1 يېقىن كېلىدىكەن. ئەمما مۇشۇنداق بولسىمۇ، كۆپچىلىك ھەر كۈنى بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ھەرخىل ئوخشىمىغان تىپتىكى قولدا ئىتتىرىش ھارۋىسى ۋە قولدا سۆرەش ھارۋىسىدا سېتىلۋالغان بەش توننا ئەتراپىدىكى ماددىي ئەشيالارنى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن. «ئەسلىدە، كۈندە زادى قانچىلىك ماددىي ئەشيا يەتكۈزگىنىمىزنى بىزمۇ بىلمەيتتۇق، كۆكتات دۇكىنىنىڭ خوجايىنىدىن سورىساق دەپ بەردى.» دېدى جاڭ شياۋفەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل