تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 7-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 0دىن 7-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 22 (بۇنىڭ ئىچىدە بەش ئاغرىق مىسالى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن)نى، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 38نى دوكلات قىلدى، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە.
7-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 137سى (خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىق مىسالى ئىككى، ئېغىر ئاغرىق مىسالى 14) بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 135، قەشقەر ۋىلايىتىدە بىر(ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى)، بىڭتۇەندە بىر؛ ھازىر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 147سى بار بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە؛ 7184 ئادەم تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.