تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالغاندىن كېيىن ۋاقتىدا قوبۇل قىلىنىپ داۋالاندى

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى، دوۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن، يىن تۇڭيۈەن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00تە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 8-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

    7-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 20(بۇنىڭ ئىچىدە توققۇز ئاغرىق مىسالى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن)سى، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 38ى بار. 7-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 113ى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 114ى بار.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «نوكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشى ۋە دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى دوكلات قىلغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆپەيدى، بۇ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىىلار ئاساسەن پۈتۈن شەھەر بويىچە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىلغاپ تەكشۈرۈپ چىقىلغان. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالغاندىن كېيىن، تەلەپ بويىچە دەرھال يۇقىرىغا مەلۇم قىلىندى ھەمدە قوبۇل قىلىنىپ داۋالاندى، ئۇلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقانلار ۋاقتىدا تېببىي كۆزىتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار يۇقۇم ئورنى ئۈزۈل-كېسىل دېزىنفېكسىيەلەندى.

    جاڭ ۋېي ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇشى كۈچلۈك، تارقىلىشى تېز، كېسەل پەيدا بولۇشى يوشۇرۇن، ئىنتايىن ھىيلىگەر بولۇپ، پۈتۈن شەھەر بويىچە نوكلىئېك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش ۋە تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، يەنە ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىلغاپ تەكشۈرۈپ چىقىلىدۇ؛ يوشۇرۇن مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بىر قىسىم يۇقۇملانغۇچىلارمۇ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگىرىدۇ. ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە تىركىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى پائال قوللاپ، ماسكا تاقاپ، قولىنى پات-پات يۇيۇپ، دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشىنى، توپلىشىۋالماسلىقىنى، شەخسىي مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى