تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

مېھىر-شەپقەت ئاپتوموبىل ئەترىتى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە قوغدىغۇچىمىز بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ مېڭيىڭ): بىر كۇنۇپكا بىلەن ئاپتوموبىل چاقىرىش، خالىس ئاپىرىپ-ئەكىلىش. يېقىندا، «خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قىلىش مېھىر-شەپقەت ئاپتوموبىلى» دېگەن خەت چاپلانغان توققۇز شەخسىي ئاپتوموبىل ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى( تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى بىر يارقىن مەنزىرىگە ئايلاندى، تۆمۈريول خۇايۈەن مەھەللىسىدىكى قىزغىن ئاھالىلەر ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىگەن پىدائىيلار مېھىر-شەپقەت ئاپتوموبىل ئەترىتى تېببىي خىزمەتچىلەر ۋە مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرىغا ئوخشاش كېچە-كۈندۈز دېمەي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى.

  ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00دا، مېھىر-شەپقەت ئاپتوموبىل ئەترىتى سىرتقا چىقىشى قولايسىز ئاھالىلەرنى كۆكتات، دورا يەتكۈزۈپ بېرىش، جىددىي دوختۇرغا كۆرسىتىشكە ئاپىرىش-ئەكىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى. ئاپتوموبىل ئەترىتى مۇنداق ۋەدە بەردى: «ھەرۋاقىت بۇيرۇق كۈتۈپ، ئېھتىياج تېلېفونى تاپشۇرۇۋالغان ھامان، بىرىنچى ۋاقىتتا مېھىر-شەپقەت پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز».

  «سىلەرنىڭ مېنى ئۆيگە ئەكىلىپ قويغىنىڭلارغا رەھمەت.» 7-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتە، مېھىر-شەپقەت ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ پىدائىيسى شۆھرەت ئايۇپ لىنساۋ جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالە جاڭ پېينى دوختۇرخانىدىن ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغاندا، جاڭ پېي مىننەتدار بولۇپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى.

  مەھەللىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ كۆكتات سېتىۋېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، 46 ياشلىق شۆھرەت ئاپتوموبىل ئەترىتىنى باشلاپ، ھەركۈنى ئەتىگەن دەل سائەت 9:00دا ئولتۇراق رايون سىرتىدىكى كۆكتات بازىرىغا بېرىپ، يەشىك-يەشىكلەرگە قاچىلانغان يېڭى كۆكتاتلارنى ئۆزلىرىنىڭ ماشىنىسىغا سېلىپ، ئاھالىلەرنىڭ تاللاپ سېتىۋېلىشى ئۈچۈن، ئولتۇراق رايوننىڭ ھويلىسىغا ئېلىپ كېلىدۇ.

  تەۋەلىك رايوندىكى يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا قارىتا، مېھىر-شەپقەت ئاپتوموبىل ئەترىتى ھەركۈنى قەرەلىدە كۆكتات يەتكۈزۈپ بەردى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر كىشى كۈنىگە 30 ئادەم قېتىم مۇلازىمەت قىلدى ھەم تەۋەلىكتىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك دورىلىرىغا ئېھتىياجلىق ئاھالىلەرگە دورا يەتكۈزۈپ بەردى. شۆھرەت مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشالىساقلا، بۇنى ئىنتايىن ئەرزىيدۇ دەپ ئويلايمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ