شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ياسىن سىدىق 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تونۇشتۇردى: دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئېلىپ بارماقتا.
ياسىن سىدىق مۇنداق دېدى: ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن شەھەر بويىچە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملاش ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى ئىنتايىن مۇھىم، ئىنتايىن ئاچقۇچلۇق بىر تۈرلۈك خىزمەت. كېيىنكى قەدەمدە، ئۈرۈمچى شەھىرى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە مەنبەدىن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇپ، داۋالاپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئۈرۈمچىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەتكە ئاتلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاپ، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭشەپ تەقسىملەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خادىملارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا، مۇداپىئە يۈز توسۇقى، مۇداپىئە كىيىمى، كۆزنى قوغداش ئەينىكى قاتارلىق مۇداپىئە بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، بىرىنچى سەپتىكى خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەربىر نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قوشۇنىغا شەھەر، رايون(ناھىيە)، كوچا باشقارمىسى(يېزا، بازار)، مەھەللە(كەنت)نىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمەت ئەترىتىنى سەپلەپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى ۋەزىپە ئىش تەقسىماتى، ماددىي ئەشيالارنى سەپلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۇچۇرىنى خاتىرىلەپ كىرگۈزىدۇ ھەم ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرى «ئاقىل ساغلام ئۈرۈمچى» نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇمات سۇپىسىغا يوللايدۇ، تەكشۈرۈلگەنلەر بۇ سىستېما ئارقىلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرەلەيدۇ. بىراق نۆۋەتتە تەكشۈرۈش مىقدارى ناھايىتى زور بولغانلىقتىن، ئۇچۇرلارنى خاتىرىلەپ كىرگۈزۈش مۇئەييەن دەرىجىدە كېچىكىدۇ.
شەھەر ئاھالىلىرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەسىلىسىگە قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۇي باۋلىڭ مۇنداق چۈشەندۈردى: ئاھالىلەر مەھەللىدە نوكلېئىك كىسلاتاسى ئەۋرىشكىسىنى ئالدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، مۇبادا تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولۇپ چىقسا، تەۋە رايون (ناھىيە) تەكشۈرۈش ئوبېيكتىغا قايتما ئىنكاس قىلىدۇ ھەم تەرتىپ بويىچە يۆتكەپ داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. ئەگەر ئىزچىل ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالمىغان بولسا، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مەنپىي ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، لېكىن يەنىلا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپى بويىچە ئۆزىنى ياخشى قوغداش تەلەپ قىلىنىدۇ.
7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سائەت نۆلدىن سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 13ى(بۇنىڭ ئىچىدە 11ى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن) يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 19ى يېڭىدىن كۆپەيدى. 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 93، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 85.