تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خۇبېي نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ئۆلچەش داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي سېتىۋېلىپ، ئۈرۈمچىگە ياردەم بەردى

خەلق تورى، ئۈرۈمچى، 7-ئاينىڭ 24-كۈنى تېلېگراممىسى (چېن شىنخۇي): 7-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەر سائەت 1دە، 100دىن ئارتۇق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى بېسىلغان تېز يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلى يامغۇرغا قارىماي شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5-د‍وختۇرخانىغا يېتىپ كەلدى، بۇ تۈركۈم ماددىي ئەشيالارنىڭ تېز يەتكۈزۈلۈشى بۇ د‍وختۇرخانىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى قىس بولۇش ئەھۋالىنى پەسەيتتى.

خۇبېي ئىئانە قىلغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى 5-دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلدى.

قىممىتى 2 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان بۇ تۈركۈم يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالارنى خۇبېي ئۆلكىسى، ۋۇخەن شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ۋۇخەن شەھەرلىك جىنيىنتەن دوختۇرخانىسى جىددىي سېتىۋالغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، خۇبېي ئۆلكىلىك نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش داۋالاش ئەترىتىدىكى 21 ئادەم ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن، شۇ كۈنى بۇ داۋالاش ئەترىتى ياردەمگە ئېرىشكۈچى دوختۇرخانا شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5-دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرۈش بۆلۈمى بىلەن بىرلىشىپ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. 7-ئاينىڭ 21-كۈنى خۇبېي نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش داۋالاش ئەترىتى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە كېرەكلىك جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيالارنى ئالاقىدار رەھبەرلەرگە دوكلات قىلغان، خۇبېي تەرەپ دەرھال سېتىۋېلىشقا تەشكىللەپ ھەم توشۇش يېشىل يولىنى ماسلاشتۇرۇپ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئۈرۈمچىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.

بۇ تۈركۈم داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5-دوختۇرخانىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى قىس بولۇش ئەھۋالىنى پەسەيتتى.

«يېقىندا دوختۇرخانىدا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش مىقدارىنىڭ كۆپ بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشكە كېرەكلىك بىر قىسىم داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى قىس بولدى، خۇبېي ئىئانە قىلغان بۇ تۈركۈم جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيالار تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ قىيىنچىلىقىنى پەسەيتىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ نورمال ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.» شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5-دوختۇرخانا ئۈسكۈنە بۆلۈمى ئۇچۇر ۋە ئۈسكۈنە باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى كې جىخۇا خىزمەتداشلىرى بىلەن كېچىلەپ ماددىي ئەشيالارنى توشۇپ جايلاشتۇردى.

خۇبېي ئىئانە قىلغان 100دىن ئارتۇق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى يۆتكەپ كېلىندى.

يۇرتىنىڭ ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى تاپشۇرۇۋالغان خۇبېي ئۆلكىلىك نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان، مىقدارغا كاپالەتلىك قىلغان ھالدا ۋەزىپىنى تاماملايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. خۇبېي نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش داۋالاش ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى، ۋۇخەن شەھىرى جىنيىنتەن دوختۇرخانىسى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شياڭ جيې مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىك ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ چارچىغان بولسىمۇ، لېكىن جەڭگىۋارلىقى ئۈستۈن، بىز چوقۇم قوماندانلىققا بويسۇنۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ۋەزىپىنى قەتئىي تاماملايمىز».

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھەركۈنى ئەڭ چوڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش مىقدارىغا يېتىش ئۈچۈن، شۇ جايدىكى دوختۇرخانا بىلەن بىرلەشكەن تەكشۈرۈش ئەترىتى خادىملارنىڭ سەپلىنىش نىسبىتى ئەھۋالىنى ئەلالاشتۇرغان، ئۈسكۈنىلەر 24 سائەت توختىماي ئايلىنىپ، خادىملار ئۈچ بەن ئالمىشىپ ئىشلەپ، خىزمەتنى ئەڭ زور دەرىجىدە تاماملىغان.

(سۈرەتنى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5-دوختۇرخانا تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ