تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: ئاھالىلەردە قىزىش، يۆتىلىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە ئۆز ئالدىغا دورا ئىشلەتمەسلىكى، ۋاقتىدا مەھەللە بىلەن ئالاقىلىشىشى كېرەك

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى، دۇ شىڭجۈن، جانات تولقىن، يىن تۇڭيۈەن فوتوسى): 7-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5تە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 8-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

مۇخبىر: يۇقۇم مەزگىلىدە شەھەر ئاھالىلىرى ئۆيىدە تۇرۇۋاتقاندا قىزىش، يۆتىلىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە قانداق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك؟

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: ئەگەر ئاھالىلەر ئۆيىدە تۇرۇۋاتقاندا قىزىش، يۆتىلىش، گېلى ئاغرىش، دېمى سىقىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، مۇسكۇللىرى سىرقىراپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئۆز ئالدىغا دورا ئىشلەتمەسلىك، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يوشۇرۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى كېچىكتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللە بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ، پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاپ، مەھەللە ياكى 120 قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئارقىلىق بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە يۆتكەش كېرەك.

جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: يۇقۇم مەزگىلىدە شەھەر ئاھالىلىرى ئۆز سالامەتلىكىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىككى قېتىم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ تۇرۇشى ھەم مەھەللىگە ئۆز سالامەتلىك ئەھۋالىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

جاڭ ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي خەلق نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش، ئۆز سالامەتلىكىنى كۆزىتىش ھەم مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا دوكلات قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇش مەنبەسىنى ۋاقتىدا تىزگىنلەپ، تارقىلىش يولىنى توسۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ۋە تۇرمۇش تەرتىپىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن. «ھازىرقى ئاغرىق مىسالىنى داۋالاش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئاغرىق مىسالىنى قانچە بالدۇر بايقىسا، داۋالاش تەدبىرلىرى قانچە ۋاقتىدا بولسا، ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئالامىتى شۇنچە يېنىك بولۇپ، ساقىيىش ئۈنۈمىمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ. شەھەر ئاھالىلىرى خاتىرجەم بولۇڭلار، نۆۋەتتە بىز ئىلغار داۋالاش تېخنىكا ئىقتىدارى ۋە داۋالاش سۈپەت سەۋىيەسىنى ھازىرلىدۇق، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىق مىسالىنى ئېنىق دىياگنوز قويۇپ داۋالايدىغان تەجرىبىسى مول مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپىمىز بار، تامامەن يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدىغان ئىقتىدارىمىز بار».

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى