تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىمىز

     تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز يۈ جياڭيەن، دوۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن، يىن توڭيۈەن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00تە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 8-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جوۋ گوشى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق ئىشلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ئومۇميۈزلۈك جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىنى قوزغاپ، جەمئىيەت قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى، بالدۇر بايقاش، بالدۇر باشلاش، بالدۇر قۇتقۇزۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى».

    بىرىنچى، قۇتقۇزۇش ياردەم مەبلىغى تېز، تولۇق تارقىتىلدى. شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلى 500 يۈەندىن 650 يۈەنگە، يېزا ئاھالىسىنىڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلى 350 يۈەندىن 550 يۈەنگە، شەھەردىكى «ئۈچ يوق» كىشىلەرنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى 650 يۈەندىن 900 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى، 7-ئايدىكى قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى يېڭى ئۆلچەم بويىچە تارقىتىلىپ بولدى، 8-ئايدىكى قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى ئالدىغا سۈرۈلۇپ 7-ئاينىڭ ئاخىرى تارقىتىلىدىغان بولدى. ھازىرغا قەدەر، شەھەر بويىچە ياشانغانلارغا 3-پەسىللىك ياشانغانلار تولۇقلمىسىدىن جەمئىي 12 مىليون 98 مىڭ 600 يۈەن تارقىتىلدى، مېيىپلەرگە 7-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى ۋە ئېغىر مېيىپلەر پەرۋىش تولۇقلىما پۇلىدىن جەمئىي 2 مىليون 297 مىڭ 700 يۈەن تارقىتىلدى.

    ئىككىنچى، يۇقۇم سەۋەبىدىن تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىلەر توپىغا ۋاقىتلىق ياردەم بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلدى. مەھەللە(كەنت)لەرگە تايىنىپ، ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلار، يېتىم مېيىپ بالىلار، يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان بالىلارنى يوقلاپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى رەتكە تۇرغۇزۇلدى. يۇقۇم سەۋەبىدىن تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىلەر(مۇشۇ شەھەر نوپۇسىدا بولمىغان ئائىلىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ماددىي بۇيۇم بىلەن نەق پۇلنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىدا بىۋاسىتە ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇلۇپ ۋە ۋە ياردەم بېرىلىپ، پۈتۈن شەھەردىكى تۆۋەن كاپالەت ئائىلىلىرى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى باققۇچىلار، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت گىرۋىكىدىكى ئائىلىلەر ۋە تارقاق ئولتۇراقلاشقان يېتىم بالىلارنىڭ ھەربىرىگە بىر قېتىمدا 500 يۈەندىن جەمئىي 6 مىليون 250 مىڭ يۈەن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش پۇلى كۆپەيتىپ بېرىلىدى، 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

    ئۈچىنچى، ئۈرۈمچىگە كېلىپ يۇقۇم سەۋەبىدىن كېتەلمەي قالغانلار پائال قۇتقۇزۇلدى، ياردەم بېرىلدى. ھەر دەرىجىلىك قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ئاپپاراتلىرى كوچىلارنى چارلاشنى كۈچەيتىپ، ئۈرۈمچىگە كېلىپ قەيەردە تۇرۇشنى بىلەلمەي قالغانلارنى قۇتقۇزۇپ، ياردەم بېرىپ، ۋوگزالدىن چىققان ياردەم تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ قۇتقۇزۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئامالنىڭ بېرىچە قۇتقۇزدى.

    تۆتىنچى، جەمئىيەت پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت كاپالىتى كۈچەيتىلدى. پۈتۈن شەھەردىكى تۈرلۈك كۈتۈنۈش، پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى تولۇق يېپىق باشقۇرۇشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماسكا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، ئىسپىرت، تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئەسۋابى قاتارلىق مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى ۋاقتىدا تارقاتتى، ھەمدە ئۇلاردىن ھەركۈنى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، داۋالاش ئەشيالىرى ۋە تۇرمۇش ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاشنى كۈچەيتىش، ئاپپاراتلارنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش، مەركەزلىك بېقىلىدىغانلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.

    جوۋ گوشى مۇنداق دېدى: «يېقىندا، بىز يەنە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا 100 توننا يېڭى سەي-كۆكتات ۋە 230 مىڭ يۈەنلىك قوشۇمچە يېمەكلىك تارقاتتۇق».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى