تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان، ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغان يولۇچىلار، دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيىگە قايتىدىغانلارنىڭ شەھەر ئىچى سەپىرى توغرىسىدىكى ئەسكەرتمە

كەڭ يولۇچى دوستلارغا بىر پارچە خەت

كەڭ يولۇچى دوستلار:

ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان، ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغان يولۇچىلار، دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيىگە قايتىدىغانلارنىڭ شەھەر ئىچى سەپىرى ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 0دىن باشلاپ 24 سائەت تېلېفوندا ئالدىن كېلىشىپ ئاپتوموبىل چاقىرىش مۇلازىمىتى (تاكسى) بىلەن تەمىنلىنىدۇ. يولۇچىلار مۇلازىمەتنى ئالدىن كېلىشىشتە ئاز دېگەندە ئىككى سائەت بۇرۇن ئالدىن كېلىشىشى، ئىسىم-فامىلىسى، ئالاقىلىشىش تېلېفونى، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرىدىغان ئورۇن ۋە بارىدىغان جايى، ئالدىن كېلىشىپ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش ۋاقتى ۋە يولۇچىلارنىڭ سانى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى توغرا تەمىنلىشى ھەم ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندا يەتتە كۈن ئىچىدىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى بولمىغانلارنىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇشى رەت قىلىنىدۇ.

ئالدىن كېلىشىپ ئاپتوموبىل چاقىرىش مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991-4157183

0991-4169105

0991-4180657

نازارەت قىلىش تېلېفونى : 3879999-0991

ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى

2020-يىل 7-ئاينىڭ 24-كۈنى

(مەنبە: شىنجاڭ 949 قاتناش رادىيوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى