تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇلار مۇنداق دېدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر سۈن فاڭتىڭ، ۋاڭ جوۋ خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 15تە، ئۈرۈمچى شەھىرى ياڭزىجياڭ يولى تيەنئەن مىڭمېن ئولتۇراق رايونىدا، 77 ياشلىق لۈ جېنيۈ بىلەن خوتۇنى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈتۈپ بولغاندىن كېيىن تېببىي خادىملارغا باش بارمىقىنى چىقارغىنىچە: «قەتئىي بىئارام بولمىدۇق، سىلەر بەك كەسپىي ئىكەنسىلەر، سىلەرنى ئالقىشلايمىز.» دېدى.

كېلىشتىن ئىلگىرى، لۈ جېنيۈ بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنى ناھايىتى ئەنسىرىگەنىدى، ئىككىيلەن ياشىنىپ قالغانىدى، «ئاڭلىسام گېلىدىن ئەۋرىشكە ئالسا بەك بىئارام بولىدىكەن» دېدى لۈ جېنيۈ. ئەۋرىشكە ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ پەلكۈچنىڭ گېلىدا بىر ئايلىنىپ، بىر نەچچە سېكۇنتتىلا ئاياغلاشقانلىقىنى ھېس قىلدى. «ھېچقانداق بىئاراملىق ھېس قىلمىدىم، ياشانغانلار ۋە بالىلارغا يولۇققاندا تېببىي خادىملار سەۋرچانلىق بىلەن تەسەللى بېرىپ يېتەكچىلىك قىلدى، ئەۋرىشكە ئېلىش جەريانى ناھايىتى تېز بولدى».

ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالە لۇ يىڭفەن مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تەكشۈرۈش نەق مەيدانىغا كەلدى، «نەق مەيداندا مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلار تەرتىپ ساقلاۋاتقانىكەن، ئاھالىلەر بىخەتەر ئارىلىق ساقلاپ، تەرتىپلىك ئۆچرەتتە تۇردى، تېببىي خادىملار ئىنتايىن ماھىر ئىكەن، ئشىلىتىلگەن ماتېرىياللار بىر قېتىم ئشىلىتىلىدىكەن، بۇلار مېنى خاتىرجەم قىلدى» دېدى لۇ يىڭفەن.

«تەكشۈرۈشتە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنۇپ، بىھۇدە قورقۇش پىسخىكىسىنى ئازايتىپ، تېببىي خادىملارغا ئىشەنگەندىلا، ھەربىر ئادەمنىڭ تېز سۈرئەتتە، بىخەتەر نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.» ئاھالە ۋاڭ چىڭنىڭ ئېيتىشىچە، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ھەربىر ئادەمنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، كۆپچىلىكنىڭ ماسلىشىشىغا موھتاج.

«يېڭى يۇقۇم ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ھەرخىل يوللار ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى، پىدائىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ماسلاشقان ۋە چۈشەنگەنلىكىنى كۆردۈم.» دېدى پىدائىي چېن تاۋ.

7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى «تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈشنى خالىسا تولۇق تەكشۈرۈش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ تەرتىپلىك قانات يايدۇردى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچىدىكى ھەرمىللەت شەھەر ئاھالىلىرى پائال ماسلىشىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەرتىپلىك تەكشۈرگۈزدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى نامايان قىلدى، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئۆزىگە مەسئۇل بولغانلىق، باشقىلارغا مەسئۇل بولغانلىق، شۇنداقلا جەمئىيەتكە مەسئۇل بولغانلىق، چوقۇم پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ماسلىشىمىز.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى