تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

مەھەللە خىزمەتچىلىرى: پۇقرالار ئۈچۈن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مۇداپىئە سېپى بەرپا قىلدى

    تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى شۆچىن خەۋىرى، فوتوسى): «ئۆيۈمدە توك تۈگىدى، ياشىنىپ قالغاچقا توردىن قانداق توك سېتىۋېلىشنى بىلمەيدىكەنمەن، كېلىپ ماڭا ياردەم قىلالامسىز؟» 7-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 23:00تە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) نەنۋېي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى جەنۇبىي 1-يول مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى جاۋ شۈن تەۋەلىكتىكى ئاھالە ما موماينىڭ ياردەم تەلەپ قىلىپ ئۇرغان تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى.

    يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، ئولتۇراق رايون يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلدى. ئاھالىلەرنىڭ سۇ، توك سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، جاۋ شۈن ئەھۋالنى دەرھال يۇقىرىغا مەلۇم قىلىپ، ئولتۇراق رايون مۈلۈك شىركىتى بىلەن خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىرتۇتاش تىزىملاپ، ئاھالىلەرنىڭ سۇ، توك سېتىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئەتىسى ئەتىگەندە، جاۋ شۈن ئاھالىلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەمدە سۇ، توك سېتىۋېلىشقا تېگىشلىك ئاھالىلەرنى تىزىملاپ، 18 ئائىلىگە سۇ، توك سېتىۋېلىش كەسپىنى ۋاقتىدا بېجىرىپ بەردى.

جاۋ شۈن شۇ كۈنلۈك خىزمىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، بىردەم ئارام ئېلىۋېلىپ كېچىلىك تەكشۈرۈشكە چىقىشقا تەييارلىق قىلدى.

    جەنۇبىي 1-يول مەھەللىسىدە، يەنە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ جاۋ شۈنگە ئوخشاش نۇرغۇن ئەزاسى ھەركۈنى ئاھالىلەرگە كۆكتات، توك ئېلىپ بېرىپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلدى. يۇقۇم ئالدىدا، ئۇلار قەتئىي چېكىنمەيدىغان ئاساسىي قاتلام مەھەللە خىزمەتچىلىرىدۇر،  ئۇلار چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق، پۇقرالار ئۈچۈن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مۇداپىئە سېپى بەرپا قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى