تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى ھەربىر نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش قوشۇنىغا بىر مەخسۇس مۇلازىمەت-كاپالەت خىزمەت ئەترىتى سەپلىدى

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن، دۇۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن، يىن توڭيۈەن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00تە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى ياسىن سىدىق كېچە-كۈندۈز كۈرەش قىلىۋاتقان نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش خادىملىرىغا چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈردى.

    بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدە 7000غا يېقىن نوكلېئىك كىسلاتاسى ئەۋرىشكە ئېلىش خادىمى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تەشكىللىگەن 10 نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش ئەترىتى، 24 نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ئارىلاشما گۇرۇپپا تەشكىللەپ، نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇرۇپ، كېچە-كۈندۈز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى.

     ياسىن سىدىق مۇنداق دېدى: «بۇ جەرياندا، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خادىملىرىمىز ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق مۇھىتتا ئەۋرىشكە ئېلىپ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ۋىرۇس بىلەن بەيگىگە چۈشۈپ، بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىزغا پۇختا ئاساس سالدى. مەن ئالدى بىلەن ئۇلارغا چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!»

    نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ خاتىرجەم خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

    بىرىنچىدىن، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ خىزمەت شارائىتى ياخشىلاندى. ئەۋرىشكە ئېلىش خادىملىرىغا ئاپتاپتىن ساقلىنىش چېدىرى تىكىپ بېرىلدى، بىر قەدەر ئازادە ئارام ئېلىش ئورنى تەسىس قىلىنىپ، خىزمەت شارائىتى ياخشىلاندى، قەرەللىك ھالدا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئىچىملىك، ماش شورپىسى تەقسىملەپ ئەۋەتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۆۋەتلەشتۈرۈپ دەم ئالدۇرۇش ئارقىلىق خىزمەت ۋاقتى ئازايتىلدى.

    ئىككىنچىدىن، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەقسىملەش كۈچەيتىلدى. تېببىي خادىملارنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرلىرى قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش بىرىنچى سېپىدىكى خادىملارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا، يۈز قوغداش توسىقى، مۇداپىئە كىيىمى، كۆز قوغداش ئەينىكى قاتارلىق مۇھاپىزەت بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىنىپ، بىرىنچى سەپتىكى خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىندى.

    ئۈچىنچىدىن، بىرىنچى سەپتىكى خادىملارنىڭ ئارقا سەپ كاپالىتى كۈچەيتىلدى. بىرىنچى سەپتىكى خادىملار پاكىز، قولايلىق غىزالىنىش مۇلازىمىتى ۋە بىخەتەر ياتاق مۇھىتى بىلەن تەمىنلەندى، غىزالىنىشتا ئۇزۇقلۇق تولۇقلايدىغان تاماقلار مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى، ۋىتامىن مىقدارى يۇقىرى تاماق بىلەن تەمىنلىنىپ، مەخسۇس ئاپتوموبىلدا ئاپىرىپ-ئەكىلىشكە كاپالەتلىك قىلىندى. خىزمەت جەريانىدا سالامەتلىكى يار بەرمىگەن ياكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن بىرىنچى سەپتىكى خادىملار دەرھال قايتۇرۇپ كېلىندى ۋە ئۇلارغا ئاكتىپ ياردەم قىلىندى.

    تۆتىنچىدىن، مەخسۇس مۇلازىمەت-كاپالەت خىزمەت ئەترىتى سەپلەندى. ھەربىر نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش قوشۇنىغا شەھەر، رايون(ناھىيە)، كوچا(يېزا-بازار)، مەھەللە(كەنت) رەھبىرىي كادىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن مەخسۇس مۇلازىمەت-كاپالەت خىزمەت ئەترىتى سەپلەپ بېرىلدى، نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى ۋەزىپە ئىش تەقسىماتى، ماددىي ئەشيا سەپلەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى