تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

قىياپىتىڭىزنى ئەستە ساقلايمىز | ئۈرۈمچىدىكى نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش جەريانىدىكى تەسىرلىك دەقىقىلەر

 7-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى ۋېيخۇلياڭ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شىنگۇاڭ مەھەللىسى نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا، مەھەللە خىزمەتچىسى تيەن يالى خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مۇداپىئە كىيىمىنى سېلىۋەتكەندىن كېيىنكى دۈمبىسىنىڭ گۈزەل سىماسى.

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز جاڭ شىنجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار مەربىيەم مەمەت، ئايگۈل رېھىم خەۋىرى، فوتوسى) يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى، تېببىي خادىملار مەھەللىلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈش ئەۋرىشكىسى ئالدى. تومۇز ئىسسىقتا كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرى، تېببىي خادىملار بىرىنچى سەپتە ئاھالىلەرنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. تۆۋەندىكى بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەر تەسىرلىك دەقىقىلەرگە گۇۋاھ بولغۇسى.

شىنگۇاڭ مەھەللىسى نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىدىكى پارتىيە ئەزاسى، تېببىي خىزمەتچى جاۋ جيې خىزمەت ئاخىرلاشقاندىن كىيىن كۈلۈمسىرىمەكتە.

7-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنگۇاڭ مەھەللىسى نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا، تېببىي خادىم خىزمەتتىن كېيىن پەلىيىنى سېلىپ، تەر تامچىلىرى ئېقىپ تۇرغان قولىنى چىقاردى.

7-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ تېببي داشۆسى  قارىمىقىدىكى 7-دوختۇرخانىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا، قوشماق پىئونېر زۆھرە ئېلى، پاتىمە ئېلى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن خىزمەتچىلەرگە سالام بەردى، خىزمەتچى خادىم تازىم قىلىپ سالام قايتۇردى.

7- ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنگۇاڭ مەھەللىسى نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا، مەھەللە خىزمەتچىسى ئارزۇگۈلنىڭ چېچى تەردە ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى.

7-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەتىگەندە، شىنگۇاڭ مەھەللىسى نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا، مەھەللە خىزمەتچىلىرى تولۇق جابدۇنۇپ، نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلاشقا تەييارلىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى