تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى، سايباغ رايونىدا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تولۇق قاپلىنىپ تاماملاندى

7- ئاينىڭ 22- كۈنى سائەت 24كىچە جەمئىي ئېلىنغان ئەۋرىشكە 1 مىليون 620 مىڭ ئادەم نۇسخىدىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇانىڭ 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سائەت نۆلدىن 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 18ى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 24ى يېڭىدىن كۆپەيگەن. 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 80ى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 77سى بار ئىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن 18 ئاغرىق مىسالى ئىچىدە، 16سى تېببىي كۆزىتىلىۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 24ى يېڭىدىن كۆپەيگەن، بۇ، ئۈرۈمچى شەھىرى قانات يايدۇرغان نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنىڭ ئىنتايىن دەل ۋاقتىدا بولغانلىقىنى، زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سائەت 24 كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە جەمئىي 1 مىليون 626 مىڭ 400 ئادەم نۇسخا ئەۋرىشكە ئېلىندى. تىيانشان رايونى ۋە سايباغ رايونىدا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تولۇق قاپلاپ تاماملاندى، شىمىگۇ رايونى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)دا تەكشۈرۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، باشقا رايون(ناھىيە)لاردا تەكشۈرۈشتىن بۇرۇنقى خادىملارنى ئىستاتىستىكا قىلىش، ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەپ تەقسىملەش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتىدۇ.

نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئاپتونوم رايون ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورناتتى، ھەرقايسى ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىدىغان ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ۋە نازارەت، ئىدارە، شەھەر، رايون(ناھىيە)لاردىكى مەسئۇل يولداشلار كېچىلەپ ھەرقايسى ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىدىغان تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ۋە رايون(ناھىيە)، كوچا (باشقۇرۇش كومىتېتى)، مەھەللە(كەنت) لەرگە بېرىپ، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولدى. خادىملار كۈچىنىڭ ئېشىشى ۋە تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن شەھەر بويىچە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تېز ئالغا سىلجىتىلدى. بىرىنچى سەپتىكى دوختۇر - سېسترالار، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلار يۇقىرى تېمپېراتۇرا، تومۇز ئىسسىققا قارىماي، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، نۆۋەتلىشىپ مەشغۇلات قىلىپ، ئەۋرىشكە ئېلىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاماملىدى؛ ئون ئۆلكە، شەھەرنىڭ ياردەم بېرىش ئەترىتى ۋە 24 تەكشۈرۈش ئاپپاراتى بارلىق كەسپىي خادىملارنى يۆتكەپ توپلاپ، كېچە - كۈندۈز توختىماي مەشغۇلات قىلىپ، ئۇدۇللۇق ئەۋرىشكە ئېلىش، ئۇدۇللۇق يەتكۈزۈش، ئۇدۇللۇق تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئەھۋالىغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لۇ چېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز قوبۇل قىلىپ داۋالىغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىغا «بىر ئادەمگە بىر تەدبىر» بولۇش، كۆپ پەنلەر ماسلىشىپ قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋە جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللاندى. نۆۋەتتە قوبۇل قىلىپ داۋالىغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى