تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاساسلىق گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار ۋە كۆپ ئۇچرايدىغان 60 خىل كۆكتاتنىڭ باھاسى نورماللاشتى

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز يۈ جياڭيەن، دوۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن، يىن تۇڭيۈەن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 05:00تە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى(ئاشلىق ئىدارىسى)نىڭ باشلىقى يەن جۈننىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۆكتات، ئاشلىق، ياغ، گۆش زاپىسى تولۇق بولۇپ، ئاساسلىق گۆش مەھسۇلاتلىرى ۋە 60 خىل كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتنىڭ توپ سېتىش باھاسى ھەمدە ھەرقايسى مەھەللىلەردىكى كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىدىكى باھاسى يۇقۇمدىن ئىلگىرىكى نورمال سەۋىيەگە ئاساسەن قايتقان.

    يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى بازارنى تەمىنلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلگىرىكى تەدبىرلەر ئاساسىدا، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئامما تۇرمۇشىنىڭ نورمال بولۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلغان.

    بىرىنچىدىن، لىڭچىڭ، يېڭى بېييۈەنچۈن قاتارلىق 2-دەرىجىلىك توپ سېتىش بازارلىرىغا داۋاملىق تولۇقلىما بېرىپ، 1-دەرىجىلىك توپ سېتىش بازارلىرى بىلەن بولغان باھا پەرقىنى تەڭلەشتۈرگەن.

   ئىككىنچىدىن، پارچە سېتىش ھالقىسىدىكى مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، مەھەللىنى بىرلىك قىلىپ ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلغان. پۈتۈن شەھەردىكى ھەرقايسى مەھەللىلەر تاللا بازارلىرى، مەھەللە كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىنى تەمىنلەش سۇبيېكتى قىلىپ، كىچىك دۇكان، كىچىك كۆكتات سېتىش نۇقتىسى، قولايلىق دۇكانلارنى تىرەك قىلىپ، ئاھالىلەر بىۋاسىتە زاكاز قىلىش، سودىگەرلەر مەركەزلىك يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئاھالىلەرگە كۆكتات، ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق مۇھىم تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تەمىنلىگەن.

   ئۈچىنچىدىن، كۆكتاتلارنىڭ باھا چېكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن شەھەردىكى تۈرلۈك كۆكتات تىجارىتى قىلىدىغان دۇكانلاردىن ھۆكۈمەتنىڭ باھا چېكىنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان، باھا پەرقى قىسمىغا ھۆكۈمەت تولۇقلىما بەرگەن.

    تۆتىنچىدىن، گۆش تۈرىدىكىلەرنىڭ باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، گۆش تۈرىدىكىلەرنى توپ سېتىش بازارلىرىدىكى باھا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باھا پەرقى قىسمىغا ھۆكۈمەت بەلگىلىك تولۇقلىما بەرگەن؛ يېڭى بىر نۆۋەتلىك شەھەر دەرىجىلىك زاپاس گۆشنى بازارغا سېلىش خىزمىتىنى باشلاپ، بارلىق زاپاس گۆش كارخانىلىرى تەڭلا ھەرىكەتكە كەلگەن، مەھەللىلەردىكى گۆش بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرى، ۋاقىتلىق سېتىش نۇقتىلىرىدا ھەر مىللەت ئاممىىغا گۆش بازار باھاسىدىن تۆۋەن باھادا سېتىلغان.

    بەشىنچىدىن، تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، شەھەر، يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان، تارقاق، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار بېقىلىدىغان ئوبيېكتلارغا 100 توننا كۆكتات ھەقسىز تەمىنلىگەن.

   ئالتىنچىدىن، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازار نازارەتچىلىكىگە ۋە شەھەر ئاھالىلىرى ئەرز قىلغان باھاغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، تېز بېجىرىپ، زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى باھاسىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىغان.

   يەتتىنچىدىن، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامما ئىنكاس قىلغان زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىگە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ۋاقتىدا كۈچ ئاجرىتىپ تەكشۈرگەن ۋە ھەل قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى